بەھۇزۇر سەيلە قىلىپ خۇشال- خۇرام ھۇزۇرلىنىش
11:28:12 2024-05-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

5- ئاينىڭ 3- كۈنى، چەۋەندازلار ئات بەيگىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى، 2024- يىللىق ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت . شىنجاڭ ئات بەيگىسى ئىقتىدارنى سىناش يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسى (كورلا بېكىتى) ئات بەيگىسى كورلا شەھىرىنىڭ مىللەتلەر تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ دۇڭگۈي بەيگە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 چەۋەندازلار كوماندىسى بىر مەيداندا مۇسابىقىلىشىپ، ئات ئۈستىدىكى سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى نامايان قىلدى. چۆ.خۇرە فوتوسى

ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا سەيلە - ساياھەت قىلماقتا. (5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە قۇملۇقنى تاماشا قىلىپ، توغراق سەيلىسى قىلىپ، ئېسىل تائاملارنى تېتىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن خۇشال - خۇرام ھۇزۇر ئالدى. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

5- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساياھەتچىلەر قومۇل شەھەرلىك مۇزېيدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ تارىخ تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى بېيىتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى


5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا سەيلە - ساياھەت قىلماقتا. بۇ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنى كۆرگەزمە قىلىش، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش، ئىستىراھەت، سەيلە- ساياھەت قىلىش، گۈل- گىياھ كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، كۈنىگە 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. خې لۇڭ فوتوسى


5-ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى كوچائېرىق مەھەللىسىدىكى «كۈسەن كىچىك كوچىسى»دا ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرمەكتە. «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۇچا شەھىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى، بېزەك ئاپتوموبىل كۆرىكى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

5- ئاينىڭ 2- كۈنى، موتوسىكلىت ماھىرلىرى قاراماي شەھىرى ئورقۇ ئالتۇن ساھىلىدا بەسلەشمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 100 نەپەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارى قاراماينىڭ ئورقۇغا جەم بولۇپ، چۆل - باياۋاندا موتوسىكلىتلىرىنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات ئىچىدە «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزدى. جوۋ جيەنلىڭ فوتوسى


5- ئاينىڭ 2- كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا تۆگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا. شۇ كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ليۇ جيەن فوتوسى


 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى جىشېن

5- ئايدىكى شىنجاڭ باھار تۈسىگە كىرىپ، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلدى. باھار مەنزىرىسى بىلەن «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى ئۇچرىشىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى قىزغىن ساياھەت دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

قاينام - تاشقىن كەيپىياتتا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ھەممە جاي بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى − 

سەنئەت نومۇرلىرى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولدى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، ساياھەت بايراملىرى ئالاھىدە رەڭدار تۈسكە كىردى.

ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشى ئىستېمال قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، ئەلا سۈپەتلىك خاس مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت ئىستېمالىنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭدا بىپايان قۇملۇقتا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدىگىلى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا قارلىق تاغنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ھېس قىلغىلى، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ئارىسىدا تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى ئۈستىدە ئىزدەنگىلى، ئادەملەر توپلاشقان بازاردىن بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.

«1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ بىر مەيدان كاتتا كۆرۈش زىياپىتى بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبنىڭ بىر قېتىملىق تاۋلىنىشى بولدى. بۇ يەردە ھەربىر دەقىقىدىكى كەچۈرمىشلەر خۇددى شېئىردەك رومانتىك بولدى، ھەربىر قېتىملىق ئەسلىمىلەر ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125