ئەتىگەندە ماي قاچىلىسا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟ رەنيوۋباۋ يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلىۋېتەلەمدۇ؟ تۇرمۇشتىكى «ماي قاچىلاش»قا ئائىت خاتا قاراشلارنى چۈشىنىپ باقايلى (5)
16:23:36 2024-05-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋا: خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىكى ماينىڭ ھەممىسى سۈپەتسىز ماي

ھەقىقىي ئەھۋال: نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە، لېكىن «چوڭ زاۋۇت»لارغا تېخىمۇ ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ

دۆلىتىمىزدە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتى، شېرىكلەشكەن ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 112 مىڭ ماي قاچىلاش پونكىتى ئىچىدە، دۆلەت كارخانىلىرى باشقۇرۇۋاتقان ماي قاچىلاش پونكىتى %50نى، پۇقراۋى كارخانىلار باشقۇرۇۋاتقان ماي قاچىلاش پونكىتى %48.1نى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى %1.9نى ئىگىلىگەن.

خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ئىچىدە، جۇڭخۇا نېفىتى، يەنچاڭ نېفىتى قاتارلىق داڭلىق نېفىت كارخانىلىرىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن يېزا- بازار نامى ياكى خالىغانچە نام قويۇلغان «شەخسىي ماي قاچىلاش پونكىتى» بار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا سېلىشتۇرغاندا، خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن، بازاردىمۇ ئىزچىل «خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ماي سۈپىتى ناچار»، «يېزىلاردىكى كىچىك ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ مېيى سۈپەتسىز» دېگەن گەپ تارقالغان.

«دۆلىتىمىزنىڭ <تەييار ماينى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش تېخنىكا قائىدىسى>دە مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: تەييار ماينى پارچە سېتىش كارخانىلىرى مۇقىم، قانۇنلۇق تەييار ماي بىلەن تەمىنلەش يولىنى ھازىرلىشى، تەييار ماينى توپ سېتىش تىجارەت سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىلاردىن تەييار ماينى سېتىۋېلىشى كېرەك». جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى گو چۈن مۇنداق دېدى: قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ماي مەنبەسى كاپالەتكە ئىگە، نەزەرىيە جەھەتتە «سۈپەتسىز ماي» مەۋجۇت ئەمەس.

لېكىن گو چۈن يەنە ئىستىمالچىلارنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئىشەنچسىز كىچىك ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ياكى چەت- يىراق رايونلاردىكى خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق بولمىغانلىقتىن، ناچار ماي ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئاتالمىش «قارا نىيەت قاچىلاش پونكىتلىرى» ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتمىدى، ئەگەر ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال بولمىسا، يەنىلا ئالدى بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى، جۇڭگو نېفىتى قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى ياكى داڭلىق خۇسۇسىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، قانداقلا بولسۇن، «چوڭ زاۋۇت»لارغا تېخىمۇ ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125