ھوشيار بولۇڭ! ياشانغاندا كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى بۇ توققۇز تۈرلۈك ئالدام خالتىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!
15:12:30 2024-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ياشانغاندا كۈتۈنۈش توغرىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئالدامچىلىقلاردىن قايسىلار بار؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ دىققەت! ياشانغاندا كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى بۇ توققۇز تۈرلۈك ئالدامچىلىقتىن چوقۇم ھوشيار بولۇش كېرەك.

 1. «مەبلەغ سېلىپ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش» ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پايدىسى يۇقىرى، خەۋپ- خەتىرى تۆۋەنلىكىنى يەمچۈك قىلىپ، ياشانغانلارنى ساختا مەبلەغ سېلىش سۇپىسىغا كىرىشكە ئازدۇرىدۇ ھەم ساختا «ئۇستاز» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۇلارنى مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەيدۇ، ئاز سوممىلىق پايدا قايتۇرۇش ئارقىلىق ياشانغانلارغا دەسلەپكى قەدەمدە پايدا قايتۇرىدۇ، ئاندىن «يىپنى ئۇزۇن قويۇۋېتىپ بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتۇش» ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش سوممىسىنى ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، ئاخىرىدا ياشانغانلار پۇلىنى ئالالمايدۇ.

 2. «ئۆي ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش» ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «ئۆي ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش» نامى بىلەن ياشانغانلارنى ئالداپ ئۆي- مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ، ئاندىن قەرز ئالغان پۇلغا ئۆزلىرى تەۋسىيە قىلغان مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قالسا ياكى شىركەت قېچىپ كەتسە، يۇقىرى سوممىلىق قەرزگە دۇچار كېلىدۇ، «قەرز»نى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەندە، ئۆي قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆي ۋە مال- مۈلۈكتىن قۇرۇق قالىدۇ.

 3. «ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش» ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۆزلىرىنى يالغاندىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنى تونۇيمىز دەۋېلىپ ياكى بانكا، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا»نى ۋاكالىتەن تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ بېرەلەيمىز، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى»نى ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرەلەيمىز، دەپ يالغان ئېيتىپ، مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ئالغاندىن كېيىن، پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ.

 4. «مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلاش» ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياشانغانلارنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشىغا ياردەم بېرىشنى يەمچۈك قىلىپ، يۇقىرى باھانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ياشانغانلارنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا ھاۋالە قىلىشقا ئازدۇرۇپ، يۇقىرى سوممىلىق «مۇلازىمەت ھەققى» ئالىدۇ؛ ياكى بىر قىسىم ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئالىي دەرىجىلىك يىغىپ ساقلاش بۇيۇمى قىلىپ كۆرسىتىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە قىممىتى ئېشىش بوشلۇقى بار دەپ يالغان ۋەدە بېرىپ، ياشانغانلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

 5. «ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش» ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش، مۇكاپات بۇيۇمى ئېلىشنى يەمچۈك قىلىپ، ياشانغانلارنى «ساغلاملىق لېكسىيەسى»، «مۇتەخەسسىسلەر ھەقسىز كېسەل كۆرۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، «ئاتا- بوۋىلاردىن قالغان مەخپىي رېتسېپ» قاتارلىقلار بىلەن خۇپسەنلىك قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى كۆپتۈرۈپ، ياشانغانلارنى «ساغلاملىق بۇيۇمى» سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇردى.

 6. «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەش ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋىتىنى ئالدىن سېتىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تۈرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ناملار بىلەن، يۇقىرى ئۆسۈملۈك پايدا قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىش، كارىۋاتقا ئالدىن ئېرىشىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش، كۆچۈپ كىرسە باھانى چۈشۈرۈپ بېرىش، ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ياشانغانلارنى كۆپ سوممىلىق ئالدىن ئىستېمال مەبلىغى سېلىشقا ئازدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ پۇل- مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

 7.  «ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈرى»گە مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈرىگە مەبلەغ سېلىشقا كۈشكۈرتۈش، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ياتاق بىناسى سېتىۋېلىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش بازىسىغا پاي قوشۇش، ساتقاندىن كېيىن قەرەللىك پايدا قايتۇرۇش، يۇقىرى سوممىلىق پايدا تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ پۇل- مېلىنى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

 8. «ياشانغانلار مۇھەببىتى» ئالدامچىلىقى

 «ياشانغانلار مۇھەببىتى» ئالدامچىلىقى «ساختا مۇھەببەتلىشىش ئالدامچىلىقى»نىڭ بىر خىلى بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بويتاق ياشانغانلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى يالغۇزلۇقى، تۇرمۇشتىكى تەنھالىقى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تور ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دوست تۇتۇشنى «مۇھەببەت مۇناسىۋىتى»گە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەنە ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ پۇل- مال ئۈندۈرۈۋالىدۇ.

 9. «تۆۋەن باھالىق ساياھەت» ئالدامچىلىقى

 قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «تۆۋەن باھادا ساياھەت قىلىش»، «ھەقسىز ساياھەت قىلىش»قا قىزىقتۇرۇپ، مەجبۇرلاش، يېتەكلەش، باغلاپ سېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياشانغانلارنى ساغلاملىق بۇيۇملىرى، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ ياكى ياشانغانلارنى مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا ئالدايدۇ ياكى ئۇلارنى ئەزا بولۇشقا، ئالدىن ھەق تاپشۇرۇشقا قىزىقتۇرىدۇ.

 گۇڭئەن ئورگانلىرى ياشانغان دوستلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، تۆۋەندىكى بەش نۇقتىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى ئەسكەرتىدۇ:

 ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈرى ياكى سېلىنمىنى مۇنتىزىم سالاھىيەتكە ئىگە ئاپپاراتلارنىڭ تەمىنلىگەن- تەمىنلىمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك؛

 يۇقىرى مەنپەئەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش؛

 ئاتالمىش «تونۇش»، «پۇل تېجىگىلى بولىدۇ» دېگەندەك يالغان گەپلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك؛

 ساقلىقنى ساقلاش ئىدىيەسىنى توغرىلاش؛

 ئائىلىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مەسلىھەتلىشىش كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125