دىققەت! ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» يولىدا ئۆزگىرىش بولدى
16:01:20 2024-05-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باش پونكىتى «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» يولىنى ئەلالاشتۇردى.

 «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» بولسا جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇچۇرغا پەن- تېخنىكىنى قوشۇش ئارقىلىق تېرەك قىلىنغان، تېخىمۇ بىخەتەر، قولايلىق، ئازادە بولغان يېڭى تىپتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەندىزىسىدۇر. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، تەكشۈرۈش توغرا، ئارىلىشىش ئاز، تەرتىپى ئاددىي، سۈرئىتى تېز، ھېس قىلىش يېڭى. «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» مۇلازىمىتىنى ئالدىن كېلىشىش ئارقىلىق، يولۇچىلار «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» مەخسۇس يولىنى ئىشلىتىپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەرتىپى ۋە تەدبىرلىرىنى ھېس قىلالايدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن %50تىن كۆپرەك قىسقىرايدۇ.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» يولى. مى شۆ فوتوسى

 نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» مەخسۇس تەكشۈرۈش يولىنى ئەسلىدىكى ئىككىدىن ئۈچكە كۆپەيتتى، «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» يولى T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ يولغا چىقىش زالىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى ئىككى بۆلمە يولى، T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ A رايونىدىكى 1- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش يولى ۋە C رايونىدىكى 1- نومۇرلۇق تەكشۈرۈش يولىغا جايلاشتى. يولۇچىلار «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش»نى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىككىلىك كود ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىككىلىك كودقا ئاساسەن مەخسۇس دەلىللەش پوكىيىگە بېرىپ، بەلگىلەنگەن ئۈسكۈنە ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، تەكشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان يولۇچىلار «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» دەلىللەش تەرتىپىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. يولۇچىلار «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش»تىن ئۆتكەندىن كېيىن، «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش» يولىدا «قولاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش»كە مۇناسىپ تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125