ھەممىلا تاماقنى «ئىسسىقىدا يېيىش» كېرەكمۇ؟ ھوشيار بولۇڭ! تاماقنى بەك قىزىق يېگەندە راك پەيدا قىلىش خەۋپ- خەتىرى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن (1)
12:11:09 2024-05-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تاماقنى بەك قىزىق يېگەندە راك پەيدا قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتەمدۇ؟ دائىم ۋەيمەي يېيىش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ تۇرمۇشتا قايسى ھەرىكەتلەر راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؟ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك؟

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك؟

دۆلەت راك كېسىلى مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن 4 مىليون 820 مىڭ ئادەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلار 1 مىليون 60 مىڭ بولۇپ، بارلىق يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۆپكە راكى دۆلىتىمىزدىكى كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، قايسى ئەھۋاللار ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب؟

ئۆپكە راكىنىڭ روشەن جەمەتلىك توپلىشىشچانلىقى ۋە ئىرسىيەتلىك ئاسان يۇقۇملىنىشچانلىقى بولىدۇ، تاماكا چېكىش، كەسىپ سەۋەبلىك خەتەرلىك مۇھىتتا تۇرۇش، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبىدۇر. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆپكە راكى بولغانلارنىڭ بەش يىل ياشاش نىسبىتى تەخمىنەن %50 - %70 بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكرەك قىسمىنى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆپكە راكى بارغانسېرى كۆپ بايقالدى. بۈگۈنكى كۈندە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇرغۇن راك كېسىلى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالدى.

راك كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئادەتتە 50 ياشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر ئۆسمە جەمەت تارىخى بارلار ياكى ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەنلەر بولسا، بىر قېتىم دورا مىقدارى تۆۋەن بولغان بۇرمىسىمان CTدا تەكشۈرتۈپ، ئۆپكە راكى بويىچە ئىلغاپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

مەزى بېزى راكى جەمەت تارىخى بارلار 40 - 45 ياشتىن باشلاپ تەكشۈرتۈشى، تۇنجى قېتىم ئىلغاپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان ئەھۋالدا، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشنى ئويلىشىشى كېرەك.

40 ياشتىن كېيىن ئادەتتە 1 - 2 يىلدا بىر قېتىم سۈت بېزى راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرتۈش، خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ ئىلغاپ تەكشۈرتۈش يېشىنى ھەتتا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنگە سۈرۈپ، ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈش كېرەك.

بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئادەتتە 25 ياشتىن باشلىنىدۇ، ئارقىدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش قېتىم سانى جانلىق تەڭشىلىدۇ.

40 ياشتىن كېيىن ئاشقازان- ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئاشقازان- ئۈچەي ئۆسمىسىنى بايقاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش.

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بۇ بەش نۇقتا ناھايىتى مۇھىم

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: گەرچە ھەممە ئادەمدە راك ھۈجەيرىسى بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋەرمەيدۇ، تۆۋەندىكى بەش ئىچكى- تاشقى ئامىل بەدىنىڭىزدىكى راك ھۈجەيرىلىرىنى راك كېسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.

1. ھۈجەيرىنىڭ زەھەرلىنىشى

مەسىلەن، دائىم كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زەھەرلەپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم تاماكا چەككەندە، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرى زەھەرلىنىپ، ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. يۇقۇملىنىش ئامىلى

مەسىلەن، جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئىچكى ئاجراتما نورمالسىزلىقى

مەسىلەن، سۈت بېزى راكى، قالقانسىمان بەز راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزىدىكى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى ھورمۇن قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ئۆسمە.

4. مېتابولىزم نورمالسىزلىقى

بەدەننىڭ مېتابولىزمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلسا، مەسىلەن، سېمىزلىك پەيدا بولسا، ئۆسمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

5. روھىي ھالەت

بەدەننىڭ روھىي ھالىتىدىن چاتاق چىققاندا، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق سەلبىي كەيپىياتلار بەدەننىڭ پۈتكۈل ئورگانىزمى ۋە ئومۇمىي ئىقتىدارىدا مەسىلە چىقىرىپ، ئۆسمە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

(داۋامى بار) 

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125