«مېنىڭ ئالتىيىم» تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ سانسىزلىغان كۆرۈرمەنلەر ۋە تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى
09:47:01 2024-05-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«تەسىرلىنىش ئىچىدە شىنجاڭغا تېخىمۇ تەلپۈنىدىغان بولدۇق»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«سۆيۈپ بېقىڭ، ياشاپ بېقىڭ، ئازابلىنىپ بېقىڭ.» كۆرۈنۈشتىكى بىر جۈملە ئاددىي سۆز سانسىزلىغان كۆرۈرمەنلەر ۋە تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى.

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، يازغۇچى لى جۈەننىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق كۆپ قىسىملىق مىكرو تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى ۋە ئەيچىيى سۇپىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ، كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، نۇرغۇن تورداش بىۋاسىتە مۇنداق دېيىشتى: «كىنودىكىدەك سۈپەتلىك كۆرۈنۈشلەر شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىپتۇ» «تەسىرلىنىش ئىچىدە شىنجاڭغا تېخىمۇ تەلپۈنىدىغان بولدۇق، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى تۇرمۇشتىن ئەقىل پاراسەت ئىزدىگىمىز كەلدى»...

ھېكايىدە ئالتايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قىزچاق لى ۋېنشيۇ (جوۋ يىرەن رول ئالغان) چوڭ شەھەردە ئەدەبىيات جەھەتتە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى قوغلىشىپ ئارقا- ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئامالسىز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ دۇكان ئاچىدىغان ئانىسى(ما يىلى رول ئالغان) بىلەن بىر- بىرىگە تايىنىپ ياشىغان، قازاق ئۆسمۈر باتاي (يۈ شى رول ئالغان) بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ۋېنشيۇ شۇ جاينىڭ گۈزەللىكىنى تەدرىجىي بايقىغان ھېكايە سۆزلەنگەن.

شۇ كۈنى كەچتە يېڭىلانغان ئالدىنقى ئۈچ قىسىم(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىككى قىسىم كۆرسىتىلدى)دا، شەھەر بىلەن خوشلاشقان لى ۋېنشيۇ ئالتايغا قايتىپ كەلدى، بۇلۇتقا تاقاشقان قارلىق تاغلار، كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكلەر، توپ- توپ ئوتلاپ يۈرگەن قويلار، ئويناقشىپ چېپىپ يۈرگەن ئاتلار، يەنە ئات مىنگەن سەبىي، شوخ ئۆسمۈر... ئوچۇق، پاكىز، ساپ ھاياتىي كۈچ خۇددى كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلەردەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.

تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «كۇلەن قىز»نىڭ رولىنى ئالغان شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايالا جۈرئەت بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا كۆردى، «سۈرەتكە ئالغان مەيداندا كۆرۈش بىلەن كامېرا ئارقىلىق كۆرۈشنىڭ تەسىراتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، كۆرۈش سېزىمىغا تەسىر كۆرسىتىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن، كۆرۈنۈشلەر كىنودىكىدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن».

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە- ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى فاخۇي لى جۈەننىڭ كىتاب مەستانىسى ئىكەن، ئۇ سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەندە ھەم ئەسلىي ئەسەردىكى نەسرلەر توپلىمىنىڭ لىرىك خاراكتېرى ساقلاپ قېلىنىپتۇ، ھەم ۋەقەلىكتىكى توقۇنۇش تۇيغۇسى كۈچەيتىلىپتۇ، شۇنداقلا مىلىچماللار دۇكىنى، كىچىك تىككۈچى قاتارلىق كىتابتىكى يارقىن كۆرۈنۈشلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ، بۇ ھەم كۈلكىسى، ھەم يىغىسى بار مەزمۇنى ناھايىتى مول تېلېۋىزىيە تىياتىرى بوپتۇ».

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ سېنارىستى، يازغۇچى شياۋ يۈن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئالتىيىم»دا، بايان ئېھتىياجى، سەنئەت قانۇنىيىتى، كۆرۈرمەنلەر ئارزۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا ئەسلىي ئەسەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئەسلىي ئەسەر بىلەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ئارىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە كىنو- تېلېۋىزىيە گۈزەللىكىگە ئىگە بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەسىرى بوپتۇ. شىنجاڭ تۇپرىقىدىن ئوزۇق ئالغاچقا، لى جۈەن ئەدەبىيات بىلەن كىنو- تېلېۋىزىيەگە قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇش، يۇغۇرۇلۇپ بىللە ئۆتۈش داۋامىدا، جەمئىيەت تەسىر كۈچى ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

«بۇ مەزگىلدە مەن <مېنىڭ ئالتىيىم>غا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، بۇ پېرسوناژلىرى جانلىق، تەسىرلىك، ۋەقەلىكى مول يۇمۇرلۇق بولغان ھەم شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ياخشى ئەسەر ئىكەن. مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئالتايدا چوڭ بولغان، كېيىن سىرتقا ئوقۇشقا باردىم، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشنىڭ ھەممىسى بىز كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان مەزمۇنلار ئىكەن، ئۇ ئالتاينىڭ تەبىئىيلىكى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىنى ئاددىي نامايان قىلىش بولماستىن، بەلكى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئاددىي- ساددا، قەيسەر روھىنى قايتا نامايان قىپتۇ، ئىنچىكە، ئاددىي- ساددا، رىتىمى ئاستا تۇرمۇش داۋامىدا، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتتىن ئەيمىنىش، ھەقىقىي ئۆزىنى تېپىشتىن ئىبارەت باش تېمىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئىپادىلىنىپتۇ.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي يۇرتىنىڭ مۇزېي خادىمى زويا باقىت مۇنداق دېدى: بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قويۇلۇشى ئېنىقكى ئالتايغا ئەڭ ياخشى تەشۋىقات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يۇرتىمىزغا كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125