بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرى ئورمان ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقىدا «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش، مەبلەغ جەھەتتە مايىللىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «توخۇ باقمىچىلىقى كەسپى»نى چىڭ تۇتۇپ، خاس ئېكولوگىيەلىك توخۇ باقمىچىلىقى كەسپى ئارقىلىق بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.
5- ئاينىڭ 3- كۈنى، مۇخبىرلار يېڭىسار بازىرى چاقا كەنتىدىكى تۇتاش كەتكەن ئورمان باقمىچىلىق بازىسىغا كېلىپ، توپ- توپ گۆش توخۇلىرىنىڭ ئورمانلىقتا دانلاۋاتقانلىقى، توخۇلارنىڭ چۇكۇلدىغان ئاۋازىنىڭ يېزا- كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشقانلىقىنى كۆردى.
(يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ئابدۇۋېلى ئۆمەر، تيەن ياليەن خەۋىرى)