ئەر قوش ئۆيلەنگەنلىكتىن ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
12:30:28 2024-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر سى يۈ)

 توي قىلغان ئەر باشقىلاردىن بىر قىزلىق بولدى ھەم جورىسى نامىدا داۋالاش ھۆججىتىگە ئىمزا قويدى. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر دېلونى بېجىردى.

 2015- يىلى 3- ئايدا، ما X (ئەر) بىلەن ليۇ X (ئايال) ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىزىملىتىپ توي قىلدى. تويدىن كېيىن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى تېزلا سۇسلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەختكە قارشى ليۇ Xنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.

 ليۇ X داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، ما X ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيلا قالماستىن، يەنە جاڭ X بىلەن مۇھەببەتلەشتى. 2022- يىلى 7- ئايدا، جاڭ X ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا بىر قىز بوۋاق تۇغدى.

 ليۇ X تالاغا قاراپ قالغان ئېرىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى، گۇڭئەن ئورگىنىغا ما Xنىڭ قوش ئۆيلىنىشتەك جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلدى. ئارقىدىن، گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

 خەلق ساقچلىرى جاڭ X بوشانغاندا ما Xنىڭ جورىسىلىق سالاھىيىتى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانلىقىنى ھەم جورىسى نامىدا نۇرغۇن دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ھۆججىتىگە ئىمزا قويغانلىقىنى، ئىككىيلەننىڭ دائىم بالىنى بىللە باقىدىغانلىقىنى، ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ئۇلارنى ئەر- خوتۇن دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، گۇڭئەن ئورگىنى بۇ دېلونى ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

 تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 258- ماددىسىدا، جورىسى بار تۇرۇپ قوش ئۆيلەنگەنلەرگە ياكى بىراۋنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. گۇڭئەن  ئورگىنىنىڭ دەلىل- ئىسپات توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولغاچقا، ما Xنى قانۇن بويىچە ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

 يېقىندا، ما X قوش ئۆيلىنىش جىنايىتى بىلەن تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

 داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش:

 قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىدە، داۋالاشقۇچىدا قارشى تەرەپنىڭ قوش ئۆيلىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بولسا، سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسا بولىدۇ. دەلىل- ئىسپات تولۇق بولمىغاندا، داۋالاشقۇچى گۇڭئەن ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، ئاندىن تەپتىش ئورگىنى ئەيىبلىسە بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125