كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ! خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بۈگۈن كەچ قەشقەر ۋىلايىتى ئاسمىنىدىن سىيپاپ ئۆتىدۇ
18:48:40 2024-05-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى بۈگۈن كەچ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دوستلار يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ كېچە ئاسمىنىدىن ئۆتكەن قالتىس پەيتتىن بىرلىكتە ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.

5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ۋېيبودا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھېسابات نومۇرى «ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 22دىن 35مىنۇت 50سېكۇنت ئۆتكەندىن تارتىپ سائەت 22دىن 36 مىنۇت 18 سېكۇنت ئۆتكەنگىچە بولغان ئارىلىقتا، خەلقارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قەشقەر ۋىلايىتى ئاسمىنىدىن ئۆتىدىكەن. ئەگەر ھاۋا ئوچۇق، بۇلۇت ئاز بولسا، بۇ ۋاقىتتا كېچە ئاسمىنىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە نەزەر سالغاندا، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ خۇددى بىر يورۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش ئاستا- ئاستا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، دەل ۋاقتىدا تاماشا قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

5- ئاينىڭ 9- كۈنى ئالدىن مەلۇمات بېرىلگەن يۇلتۇز ئاستى نۇقتىسى ئوربىتا سۈرىتى، نەزەرىيە جەھەتتە يورۇق چەمبەر رايونلارنىڭ ھەممىسىدە خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سۈرەتنى ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى ۋېيبوسى تەمىنلىگەن

خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۇزاق مۇددەت يەر شارىغا يېقىن بوشلۇق ئوربىتىسىدا ئۇچىدىغان، ئادەم تۇرىدىغان كەڭ كۆلەملىك پەن تەتقىقات ھەم كۆزىتىش ئەسلىھەسى. كېچە ئاسمىنىدىكى سۈنئىي ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇياش ئۇنى يورۇتقاندىن كېيىن، كىشىلەر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ قايتۇرغان نۇرنى كۆرەلەيدۇ. خەلقارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ دۆلىتىمىز ئاسمىنىدىن ئۆتىدىغان ئەھۋال ھەر ئايدا دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ھاۋارايى ئەھۋالى، بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئۆتۈش ئوربىتىسى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، شەھەرنىڭ نۇردىن بۇلغىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆزىتىش شارائىتى ئادەتتىكىچە بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يەر يۈزىدە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئۆتۈشىنى كۆزىتىشتە ئالدى بىلەن ھاۋا ئوچۇق، كۆرۈش ئارىلىقى يۇقىرى بولۇشى كېرەك، ئاندىن قالسا ئېگىزلىك ۋە يورۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى «ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش»نى قاندۇرۇشى كېرەك ئىكەن. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۆتكەن چاغدىكى ئېگىزلىك بۇلۇڭى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىكەن، ئەگەر ئېگىزلىك پەقەت 10 گىرادۇس ياكى 20 گىرادۇس بولسا، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، شۇڭا ئۇنى كۆزىتىش ئاسان بولمايدىكەن.

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 5- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125