5- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 2023- يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈرلۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسىدىن 1468نى يېڭىدىن قوبۇل قىلغانلىقى، سانىدا زور دەرىجىدە ئېشىش ھالىتى كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش تۈرىدىكى دېلولارنىڭ %80كە يېقىننى ئىگىلىگەنلىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جوۋ جىخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى تۈرلۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسىدىن 1468نى يېڭىدىن قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەق تەلەپ دېلوسى 1434 بولۇپ، 2022- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %75 ئاشتى.
جوۋ جىخاۋ مۇنداق دېدى: دېلو تۈرىدىن قارىغاندا، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش تۈرىدىكى دېلولار %80كە يېقىنلاشقان، ئوخشاش بىر دەۋاگەر ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان جاۋابكار ئۈستىدىن ئەرز قىلغان تۈرلۈك سودا ھوقۇقىنى قوغداش دېلولىرى %70كە يېقىنلاشقان. ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش سۇبيېكتىدىن قارىغاندا، كۆپىنچىسى يەككە سودا- سانائەتچىلەر بولۇپ، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش ساھەسى ئاساسلىقى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، يېمەك- ئىچمەك، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن.
جوۋ جىخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ نىشانى ئاساسلىقى رويخەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ۋە رويخەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ تاۋار سېتىشتىن ئىبارەت تاۋار تۈرىدىكى جىنايەتلەرگە مەركەزلەشكەن. 2023- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، 38 كىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، جەمئىي 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
جوۋ جىخاۋ مۇنداق دېدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دېلو بېجىرىش كۆرسەتمىسى تۈزۈلدى. ھۆكۈم- كېسىم ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى. بىر تۈردىكى دېلولارنى تېز سوت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئاددىي دېلولارنى تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سوت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. دەۋا بىلەن مۇرەسسەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، غەيرىي دەۋا ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ھەمكارلىق كېلىشىمى، دەۋا بىلەن كېسىمنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئەسلەتمىسى قاتارلىقلار ئىمزالاندى. ھەمكارلىشىپ قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەمكارلىق كېلىشىمى، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىنى باشقۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى قاتارلىقلار ئىمزالاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. مەمۇرىي تارماقلار ۋە ساھە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى مەنبەدىن تۈزەش پائال قانات يايدۇرۇلدى. تۆلەم ماددىلىرىنى پۈتۈشۈش، تەسىس قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلماسلىق ۋەدىنامىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىشقا يېتەكلىنىپ، ماجىرانى ماھىيەتلىك ھەل قىلىش ئالغا سىلجىتىلدى.
جوۋ جىخاۋ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى سوت قىلىش نەتىجىسى ۋە ئەدلىيە مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا خەۋىرى)