5- ئاينىڭ 8- كۈنى، جۇڭگو مۇزېي جەمئىيىتى 5- تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك مۇزېيلارنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىپ باھالاش بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇزېيلارنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، قومۇل شەھەرلىك مۇزېي بۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا دۆلەت 1- دەرىجىلىك مۇزېيدىن ئىككىسى بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ۋە تۇرپان مۇزېيى ئىكەن.
قومۇل شەھەرلىك مۇزېي
ئىگىلىنىشىچە، قومۇل شەھەرلىك مۇزېي 1988- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى غەربىي خۇيۋاڭ يولى 20- نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان، 2008- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن. مۇزېيدا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان تاش قوراللار، بىرونزا قوراللار، ساپال بۇيۇملار، ياغاچ قوراللار، يۇڭ توقۇلمىلار ۋە قۇرۇق جەسەت قاتارلىق 58 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 64ى (تۈر) دۆلەت 1- دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 67سى دۆلەت 2- دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 311ى دۆلەت 3- دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى. قومۇل شەھەرلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان بىرونزا قوراللار دەۋرىگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى شىنجاڭنىڭ بىرونزا قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)