ياز پەسلىدە، نۇرغۇن جايدىكى ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلار ھوسۇل يىغىش پەسلىگە كىرىدۇ، دېھقانلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەپ، ھوسۇل شادلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.
جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى جياڭيەن رايونى گۇگاۋ بازىرى گۇگاۋ كەنتىدىكى دېھقانلار 5-ئاينىڭ 9- كۈنى يىغىۋالغان لوبولارنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تاڭ دېخۇڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، كەنت ئاھالىسى چۇڭچىڭ شەھىرى نەنچۇەن رايونىدىكى بىر لەنمېي كەسپى بازىسىدا لەنمېي ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چۈ مىڭبىن فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى چىنياڭ شەھىرىنىڭ شىشياڭ بازىرىدا دېھقان دېھقانچىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئەمەن يىغماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ فەن فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى جيەنياڭ شەھىرى چىڭلۇڭ بازىرى ليەنخې كەنتىدە دېھقانلار دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇغداي ھوسۇلىنى يىغماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (دىڭ يۇڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى جيەنياڭ شەھىرى چىڭلۇڭ بازىرى ليەنخې كەنتىدە كومبايىن ئېتىزدا بۇغداي ئورماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (دىڭ يۇڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى شيەنجۈ ناھىيەسى بۇتوۋ بازىرىدىكى دېھقانلار بېيمۇ كولىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ خۇابىن فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەننەن بۇيىزۇ- مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لوديەن ناھىيەسى فېڭتىڭ بازىرى شياڭجياۋ كەنتىدىكى كۆكتات تېرىش بازىسىدا لازا ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شى چۇەنخۇڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 8- كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى لىشيەن ناھىيەسى خوليەنپو بازىرى لىسۇڭ كەنتىدە دېھقان كومبايىن ھەيدەپ قىچا ئورماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (بەي يىپۇ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى داجوۋ شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىم جىڭكەي رايونى ماليۇ بازىرى ليۇجيابا كەنتىدە، كومبايىنچى كومبايىن ھەيدەپ بۇغداي ئورماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (دېڭ لياڭكۇي فوتوسى)
5- ئاينىڭ 9- كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى كەيياڭ ناھىيەسى شۇاڭليۇ بازىرى شۇاڭيۇڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا قىزىلگۈل ئۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (يۈەن فۇخۇڭ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 8- كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى يۈچىڭ ناھىيەسى بەينى بازىرى مىنتۇڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى قىچا غوزىسىنى ئۇرۇپ، قىچا دېنىنى ئايرىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (خې چۇنيۈ فوتوسى)
5- ئاينىڭ 8- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرى بوئەي ناھىيەسى خۇڭچاڭ كوچا باشقارمىسى 9- كوچا مەھەللىسىدە، كەنت ئاھالىسى يېڭىدىن ئورۇپ كەلگەن قىچىنى ئاپتاپقا سالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېڭ چۇەن فوتوسى)
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)