ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى كۆپرەك ئۆگىنەيلى | بىرى يان تېلېفون تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىدى، يوقىتىپ قويغۇچى ئەرز قىلغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى 3000 يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى
16:41:05 2024-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 لى جىلياڭ سىزغان

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ نىڭ، ۋاڭ فېي

سىز يان تېلېفون تېپىۋېلىپ باققانمۇ؟ ئەگەر قىممەتلىك بۇيۇملارنى تېپىۋالسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭ، بولمىسا ئىگىلىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر قېتىملىق دېلونى سوت قىلدى.

دېلو ئەھۋالى

2023- يىلى يازدا، سۈن × ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىممىتى 7225 يۈەنلىك خۇاۋېي ماركىلىق يان تېلېفونىنى يىتتۈرۈپ قويغان، ئۇ كۆپ قېتىم تېلېفون بەرگەن ۋە سىنلىق سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تېلېفوننى  ھېچكىم ئالمىغاچقا، ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

گۇڭئەن ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا توكسىكلىت مىنىپ بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاڭ ×نىڭ سۈن ×نىڭ يۈتۈپ كەتكەن يان تېلېفونىنى تېپىۋالغانلىقىنى بېكىتكەن. كېيىن خەلق ساقچىلىرى بىلەن سۈن × ۋاڭ ×نى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن يان تېلېفوننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ۋاڭ × يان تېلېفوننى تېپىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى يول بويىغا تاشلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلق ساقچىلىرى بىلەن سۈن ×، ۋاڭ × يول بويى ئىزدەپ يان تېلېفوننى تاپالمىغان.

2023- يىلى 9- ئايدا، سۈن × ۋاڭ ×نى ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ قاراپ، ئۇنى ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ۋاڭ ×تىن ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ياكى 7000 يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ھۆكۈم 

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 270- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ساقلاپ بېرىۋاتقان پۇل- مالنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنتۇپ قالغان ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىسىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. بۇ ماددىدىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.

بۇ دېلودا ۋاڭ × باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىنى تېپىۋالغاندىن كېيىن، ئىگىسى كۆپ قېتىم تېلېفون بەرگەندە تېلېفوننى ئالماي، خالىغانچە تاشلىۋەتكەن، ئۇنىڭ قىلمىشى قايتۇرۇشنى رەت قىلىشتەك سۇبيېكتىپ قەستەنلىككە ئىگە بولۇپ، باشقىلارنىڭ يىتكەن نەرسىسىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىغا كىرىدۇ، لېكىن يىتكەن نەرسىنىڭ قىممىتى جىنايەت سوممىسى ئۆلچىمىگە يەتمىگەچكە، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ۋاڭ ×نى جىنايەتسىز، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 314- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: يىتكەن نەرسىنى تېپىۋالغانلار ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. تېپىۋالغۇچى ئىگىسىگە ئېلىۋېلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى گۇڭئەن تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 316- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تېپىۋالغۇچى يىتكەن نەرسىنى ئالاقىدار تارماققا تاپشۇرۇپ بەرگىچە، ئالاقىدار تارماق يىتكەن نەرسىنى ئىگىسى تاپشۇرۇپ ئالغۇچە ئوبدان ساقلىشى كېرەك. قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن يىتكەن نەرسىنى بۇزۇپ قويغانلار، يوقىتىپ قويغانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

شۇڭا، سوت مەھكىمىسى ۋاڭ ×نىڭ قىلمىشى سۈن ×نىڭ يان تېلېفونغا بولغان نەرسە ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ۋاڭ × ھەق تەلەپ جەھەتتە ھوقۇققا چېقىلىش زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان. يان تېلېفوننىڭ تەننەرخى، باھاسىدىكى داۋالغۇشى، ئىشلىتىش مۇددىتى، قىممىتى چۈشۈپ كېتىش زىيىنى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ۋاڭ ×نى سۈن ×كە 3000 يۈەن زىياننى تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.

سۈن × قايىل بولماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. يېقىندا، بۇ سوت مەھكىمىسى سۈن ×نىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.

سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر تېپىۋالغۇچى يىتكەن نەرسىنى تېپىۋالغاندىن كېيىن ھەم ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمىسە، ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بەرمىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇۋاپىق ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىگىسىنىڭ شۇ نەرسە ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بۇنداق قىلمىش ھەق تەلەپ جەھەتتە ھوقۇققا چىقىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەق تەلەپ جەھەتتە ھوقۇققا چېقىلىش زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن، سوممىسى كۆپرەك بولسا، يەنە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى مۇمكىن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125