60 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن شۆفۇلەن مالىبۇ ئاپتوموبىلى 11- ئايدا ئىشلەپچىقىرىلىشتىن رەسمىي توختايدۇ
18:26:27 2024-05-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىندا، ھەممىباپ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شۆفۇلەن مالىبۇ ئاپتوموبىل تىپىنىڭ 2024- يىلى 11- ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مالىبۇ ھازىرغىچە 60 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، توققۇز ئەۋلاد ئاپتوموبىل تىپىنى باشتىن كەچۈردى، يەرشارى بويىچە سېتىلىش مىقدارى 10 مىليوندىن ئاشتى، 2023- يىلى يەرشارى بويىچە سېتىلىش مىقدارى 130 مىڭ بولدى. بۇ ئاپتوموبىل ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى Fairfax زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، كەلگۈسىدە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاقما لىنىيەسىنىڭ ئورنىنى 2025- يىلى بازارغا سېلىنىدىغان شۆفۇلەن Bolt ئالىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: پېڭپەي ئاپتوموبىل قانىلى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125