2024- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 7دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، نىڭشيا چىڭتۇڭشيا شەھىرى G110 دۆلەت يولىنىڭ شىشەن قەبرىستانلىقى ئەتراپىدا، گەنسۇنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن نىڭشيانىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان كىچىك تىپتىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىپ، توققۇز ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.
يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى
1.8 توننىدىن 100 توننىغىچە بولىدۇ
بۇنداق چوڭ، ئېغىر تونناژلىق ئاپتوموبىللار
ھادىسە يۈز بەرگەن ھامان
ناھايىتى ئاسانلا ئۆلۈش- يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
رەسىم مەنبەسى: گۇاڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى
يولدا يۈك ئاپتوموبىلىغا يولۇققاندا ئۆزىنى قانداق قاچۇرۇش كېرەك؟
يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدا
قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
بىللە چۈشىنىپ باقايلى
↓↓↓
يۈك ئاپتوموبىلىدىن قانداق قىلغاندا ئۆزىنى بىخەتەر قاچۇرغىلى بولىدۇ؟
1. ئارىلىق ساقلاش
ئامالسىز يۈك ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەندە، يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەندە، بىخەتەر ئاپتوموبىل ئارىلىقى 100 مېتىردىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك؛ ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، ئەڭ كىچىك بىخەتەر ئاپتوموبىل ئارىلىقى 50 مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى قانداق قىلغاندا ھەر ۋاقىت توغرا ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ «ئۈچ سېكۇنت ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ مېڭىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.
2. كۆرۈنمەس رايونغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش
ئامال بار يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىزىل رەڭلىك رايون.
يۈك ئاپتوموبىلى بۇرۇلغاندا، چوڭ كۆلەمدىكى «ئىچكى چاق پەرقى» كۆرۈنمەس رايونى پەيدا بولىدۇ. «ئىچكى چاق پەرقى» ئالدىنقى ئىچكى چاقنىڭ ئايلىنىش رادىيۇسى بىلەن كېيىنكى ئىچكى چاقنىڭ ئايلىنىش رادىيۇسىنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىچكى چاق پەرقى» مەۋجۇت بولغاچقا، يۈك ئاپتوموبىلى بۇرۇلغاندا، ئالدى، كەينى چاقنىڭ ھەرىكەت ترايېكتورىيەسى قايتا بىرىكمەي، يېڭى ئاي شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، بۇ «ھالاكەت يېڭى ئېيى» دەپ ئاتىلىدۇ.
3. ئېھتىيات بىلەن يانداپ ئۆتۈش
ئەگەر ئالدى تەرەپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىدىن يانداپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن تەخمىنەن 100 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئاندىن كۆرۈش دائىرىسى كەڭ يول بۆلىكىنى تاللاش ھەم سىگنال بېرىپ ئەسكەرتىش بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈك ئاپتوموبىلىدا ئوڭ- سولغا ئىرغاڭلاش خاھىشىنىڭ بار- يوقلۇقىنى كۆزىتىش، بىخەتەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ماي كلاپانىنى قاتتىق دەسسەپ، تېز سۈرئەتتە يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك.
4. ۋاقتىدا يول ئۆزگەرتىش
يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا يول ئۆزگەرتىپ، بىخەتەر ئارىلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر ئەگىشىپ ماڭغان يۈك ئاپتوموبىلى توختىماي سىگنال بېرىپ، چوڭ چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياندۇرسا، مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئالغان تۈزۈك.
يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى بىخەتەر يۈرۈشتە
بۇ نۇقتىلارنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك
1. ئاپتوموبىلدا مەسىلە بار تۇرۇپ يولغا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك
يول يۈرۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك كېرەك
ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچى ئاستىلاپ، تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، تېگىشكە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى!
3. ھەرگىزمۇ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك كېرەك
ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، يان تېلېفون ئوينىغاچ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك كېرەك.
4. بېزىندىنى ياخشى تاقاش كېرەك
بېزىندە «ھاياتلىق تاسمىسى» بولۇپ، بېزىندىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتكەندە، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە زەخىملىنىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
5. قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىش كېرەك
سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشنى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى، چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى، قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، يۈرۈش ئارىلىقىنى ياخشى ساقلاش، يول ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، خەتەرلىك رايوندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.
رەسىم مەنبەسى: گۇاڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى
يۇقىرىقى بۇ ھەيدەش بىلىملىرىنى
سىز بىلىۋالدىڭىزمۇ؟
سىزنى ئەسكەرتىپ قوياي
يولدا چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى يولۇققاندا
چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ
يۈك ئاپتوموبىلى «ئاپەت» ئاپتوموبىلىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن!
پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش رادىيوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)