ھەممىلا تاماقنى «ئىسسىقىدا يېيىش» كېرەكمۇ؟ ھۇشيار بولۇڭ | تاماقنى بەك قىزىق يېگەندە راك پەيدا قىلىش خەۋپ- خەتىرى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن (2)
12:02:05 2024-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دىققەت! نۇرغۇن راك كېسىلى بەلكىم يېيىش ئارقىلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن

ئاشقازان راكى، تۈز ئۈچەي راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، تۇخۇمدان راكى، سۈت بېزى راكى... بۇ راك كېسەللىرى يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بوغماق ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۆپ مىقداردا ماي يىغىلىپ قالسا، ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمونىنىڭ بىرىكىشىنى ئاشۇرۇپ، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاقسىلنى ئۇزۇن مۇددەت زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشمۇ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سىنك، كالتسىي، سېلېن، مولىبدېن، يود قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مۇۋاپىق غىزالىنىش ھەقىقەتەن بەك مۇھىم.

خىزمىتىم بەك ئالدىراش، تاماق ئەتكۈم يوق، باشقا تەملەردىكى تاماقلارنى يېگۈم بار ... كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. ۋەيمەي بۇيرۇتقاندا، نۇرغۇن كىشى ماي، تۇز تەركىبى يۇقىرى، ئاچچىق، غىدىقلايدىغان تەمدىكى يېمەكلىكلەرنى تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنداق يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلىنىڭ ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ، پەقەت ھېق تۇتۇشى، مەيدە قاينىشى مۇمكىن. ئاشقازان راكىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچىغا بارغاندا، بىر نەرسە يېگەندە قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش، چوڭ تەرىتى قارا كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر:

1. ياخشى يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش: تۇزلۇق، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش؛ ئۈچ ۋاق تاماقنى قانۇنىيەتلىك يېيىش، بىردە ئاچ، بىردە توق يۈرمەسلىك، دائىم كېچىدە تاماق يېمەسلىك كېرەك.

2. ئاشقازان راكى مۇئەييەن ئىرسىيەت خاراكتېرىگە ئىگە، ئاشقازان راكى جەمەت تارىخى بار كىشىلەر ئاشقازان ئەينىكىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، ئاشقازىنى بىئارام بولمىغان ساغلام كىشىلەر 45 ياشتا بىر قېتىم ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.

3. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئاشقازان راكىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بار كىشىلەر ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ۋاقتىدا يىلتىزىدىن داۋالىتىشى كېرەك.

4. تاماكا تاشلاش، ھاراق ئىچمەسلىك 

5. مۇۋاپىق ھارارەتتىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش. بەك قىزىق يېسىمۇ راك پەيدا قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. 65 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق سۇ، ئىسسىق تاماق قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. زىيادە قىزىق يېمەكلىك قىزىلئۆڭگەچكە كىرگەندىن كېيىن قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى فىزىكىلىق زەخىملەندۈرىدۇ. شىللىق پەردە زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ يېنىشىمۇ زەخىملەنگەن ئورۇننى غىدىقلايدۇ، بۇنداق ئۈستىلەپ زەخىملىنىش ئاسانلا ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ، بىر قېتىم ئىسسىق تاماق يېسىلا قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ، لېكىن ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، يەنىلا ياخشى يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۇتسا قولنى كۆيدۈرگۈدەك دەرىجىدىكى سۇ بىلەن ئەمدىلا قازاندىن چىققان قىزىق يېمەكلىكنى ئاۋۋال بىردەم تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن كالپۇكى بىلەن سىناپ باقسا بولىدۇ، قىزىق بولمىسا ئاندىن يېسە، قىزىلئۆڭگەچنى ئاسراشقا پايدىسى بولىدۇ.

يىرىك يېمەكلىكلەرنى يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش كېرەك، ئۇنى چايناپ ئېزىپ، سىلىق ھېس قىلغاندا ئاندىن يۇتۇش كېرەك. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر ۋە تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر.

تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن، يەنە ئىسپىرتمۇ قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، شۇڭا تاماكا ۋە ھاراقنى بالدۇرراق تاشلاش كېرەك.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125