ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھەردە شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىش- كېلىش «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى» ئىمزا قويۇپ تارقىتىلىدۇ
19:06:47 2024-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مۇخبىر دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2024- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خوخخوت شەھىرى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجوۋ شەھىرى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۇەن شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق سەككىز شەھەردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارغا شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىش- كېلىش «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى»(个人旅游签注)نى ئىمزا قويۇپ تارقىتىپ بېرىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، يۇقىرىقى سەككىز شەھەر نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر ھەم ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار كىشىلەر شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئادەملىك كۆزنىكى ئارقىلىق ياكى ئاپتوماتىك كۆزنەكتە تەسىس قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسكەرتىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنۇپ، «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى» ياكى «كوللېكتىپ ساياھەت ئىزاھاتى»(团队旅游签注) بېجىرسە بولىدۇ. «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى» مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شياڭگاڭغا بېرىشتا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم، ئۈچ ئايدا ئىككى قېتىم، بىر يىلدا بىر قېتىم، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئىزاھات بېرىلىدۇ؛ ئاۋمېنغا بېرىشتا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ۋە بىر يىلدا بىر قېتىم ئىزاھات بېرىلىدۇ. ئىزاھات ئىگىسىنىڭ ھەر قېتىم شياڭگاڭ ياكى ئاۋمېندا تۇرۇش مۇددىتى يەتتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125