ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى كۆپرەك ئۆگىنەيلى | بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى بايقالدى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى پۇلنى قايتۇرمىغانلىقتىن ئەرز قىلىندى
17:46:46 2024-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر دىڭ شياۋشيا)

 يېقىندا، چېن خانىم بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىدە كارتا بېجىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى، كارتىغا تولۇقلاپ قويغان نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك دەرس ھەققىنى سودىگەر قايتۇرمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

 دېلو ئەھۋالى

 چېن خانىم ئۈرۈمچىدىكى بىر كارخانىدىكى ئاق ياقىلىق خىزمەتچى بولۇپ، ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى. 2023- يىلى 4 - ئايدا، چېن خانىم مەلۇم بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى بىلەن ماينى سىيرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش دەرسىگە قاتنىشىش توغرىسىدا كېڭەشتى، ئىككى تەرەپ ھەر سائەتلىك دەرسكە 200 يۈەن ھەق تۆلەش، قېتىم سانى بويىچە ھەق ئېلىشقا پۈتۈشتى.

 ئارقىدىن، چېن خانىم پۈتۈشكىنى بويىچە 31 مىڭ يۈەن دەرس ھەققى تۆلىدى. لېكىن بىر نەچچە سائەت دەرسكە قاتناشقاندىن كېيىن، چېن خانىم ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىگە بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئېشىپ قالغان دەرس ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

 چېن خانىم دەرس سېتىۋالغاندا، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى بىلەن يازما توختام ئىمزالىمىغانىدى. بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىنىڭ قارىشىچە، چېن خانىمنىڭ سېتىۋالغىنى ئېتىبارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ «ئىستېمالچىنىڭ شەخسىي سەۋەبى تۈپەيلىدىن داۋاملىق بەدەن چېنىقتۇرالمىسا» پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئاغزاكى پۈتۈشكەن.

 ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، بۇ يىل 4- ئايدا، چېن خانىم بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ X ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

 تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: مۇلازىمەت توختامى ھەمكارلىشىش ھەم جىسمانىي خاسلىققا ئىگە بولۇپ، مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ مۇلازىمەتنى قايتا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئەھۋالدا، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئورۇنلاشقا ئامالسىز قالسا ھەم مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچىنى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىسا، مۇلازىمەت توختامى ئەمەلىيەتتە ئادا قىلىنمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا توختامنى ئادا قىلىش «قاتمال ھالەت»كە چۈشۈپ قالىدۇ.

 بۇ ماجىرانى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى سوتچىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ X بىلەن ئالاقىلەشتى.

 ۋاڭ X مۇنداق بىلدۈردى: بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى چېن خانىمغا بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى بېجىرىپ بەرگەندە «ئىستېمالچىنىڭ شەخسىي سەۋەبى تۈپەيلىدىن داۋاملىق بەدەن چېنىقتۇرالمىسا، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى پۇلنى قايتۇرمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىنى ئاغزاكى پۈتۈشكەن، چېن خانىم ئېتىبار بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، كېيىن چېن خانىمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرسە يەنە داۋاملىق چېنىقسا بولىدۇ.

 « <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى>نىڭ 497- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئورۇنسىز كەچۈرۈم قىلغان ياكى يېنىكلەتكەن، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى چەكلىگەن بولسا، بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. <تۆلەپ بولغان پۇل قايتۇرۇلمايدۇ> دەيدىغان بۇنداق بەلگىلىمە تىجارەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ قويغانلىق بولۇپ، كۈچكە ئىگە بولمىغان بەلگىلىمە ھېسابلىنىدۇ». دېلو بېجىرگۈچى سوتچىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن قانۇننى چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، ۋاڭ X توختامنى بىكار قىلىپ، ئېشىپ قالغان دەرس ھەققىنى قايتۇرۇشقا قوشۇلدى.

 يېقىندا، سوت مەھكىمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، چېنىقىش مەركىزىنىڭ چېن خانىمغا 12 قارارغا بۆلۈپ 30 مىڭ يۈەن پۇلنى قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىككى تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125