تېز يوللانمىنى قوبۇل قىلىشقا قولايلىق بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئۆي ئىگىسى ئۆيگە ئۈن- سىن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېلېكتىرونلۇق مۈشۈك كۆز، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشىك قوڭغۇرىقى قاتارلىقلارنى ئورنىتىشقا باشلىدى، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىپ ئىشلىتىش قوشنىلارنىڭ شەخسىي سىر ھوقۇقىغا چېقىلدىمۇ- يوق؟ يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بىر دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىپ، «قوشنىلارنىڭ شەخسىي سىر ھوقۇقىغا چېقىلدى» دەپ بېكىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مۈشۈك كۆزنى چۇۋۇۋېتىشنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.
دېڭ ئەپەندى بىلەن لى ئەپەندى بىر قەۋەتتىكى قوشنا بولۇپ، بۇ قەۋەتتە ئىككى ئائىلىلىك بار، ئىككى ئائىلىنىڭ ئىشىكى بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ، ئارىلىقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ. 2021- يىلىنىڭ بېشىدا لى ئەپەندى ئىشىكىگە بىر ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆز ئورناتتى.
دېڭ ئەپەندى دەۋا قىلىپ مۇنداق دېدى: لى ئەپەندى ئورناتقان ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆز بىزنىڭ ئىشىككە ئۇدۇل قاراپ تۇرىدۇ، بۇ مۈشۈك كۆز ئۈن ئېلىش، سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش، بۇلۇتتا يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ سىرتقا چىققان ۋاقىت، ئۆيگە كەلگەن مېھمانلار ھەم ئائىلىمىزنىڭ بىر قىسىم ئىچكى ئەھۋالى قاتارلىق شەخسىي سىر ئۇچۇرىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە چېقىلدى، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ روھىي ۋە نورمال تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، شەخسىي سىرغا چېقىلىش سەۋەبىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدىم، لى ئەپەندىدىن ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆزنى چۈۋۇۋېتىشنى ھەم ماڭا روھىي زىيان ھەققى ئۈچۈن 5000 يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن.
لى ئەپەندى مۇنۇلارنى دېدى: ئولتۇراق رايوندىكى نۇرغۇن ئاھالە ئېلېكتىرونلۇق مۈشۈك كۆز ئورناتقان، كۈندۈزى ئۆيدە ئادەم بولمىغاچقا، ئېلېكتىرونلۇق مۈشۈك كۆز ئورنىتىشتا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە تېز يوللانمىنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ئاساسلىقى ئىشىك قوڭغۇرىقى ئىقتىدارى ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىمەن، يىراقتىن تەكشۈرۈپ كۆرەلەيمەن ۋە سۆزلىشەلەيمەن، لېكىن سىنغا ئېلىشنىڭ توك سەرپىياتى بەك يۇقىرى، شۇڭا مەن 24 سائەت سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتمىدىم، باشقىلارنىڭ شەخسىي سىرىغا چېقىلمىدىم.
سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، دېلوغا چېتىشلىق ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆزنىڭ ئۆز ئىندۇكسىيەسىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر ئىككى ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئاممىۋى كارىدور رايونىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاممىۋى كارىدور گەرچە تەڭ پايدىلىنىدىغان كارىدور بولۇپ، بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، لېكىن بۇ قەۋەتتە بىر لېفىت، ئىككىلا ئائىلە بولغاچقا، ئاممىۋى كارىدور ئىككى ئائىلىنىڭ مەخسۇس مەخپىي بوشلۇقى، يەنى تۇرالغۇ قىسمى بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشقان، ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان ئادەملەر تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئۆتۈش مەقسىتىگە ھۆكۈم قىلىش تېخىمۇ ئاسان بولىدىكەن. دېڭ ئەپەندى تەرەپتىكىلەرنىڭ كىرىپ- چىققان ئادەملەر، كىرىپ- چىقىش قانۇنىيىتى، قانداق مېھمانلارنىڭ كېلىدىغانلىقى قاتارلىق پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈندىلىك ئۆيىگە كىرىپ- چىقىش ئۇچۇرى ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئائىلە، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇئەييەن شەخسىي مەخپىيەتلىككە ئىگە، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەخسىي سىر ھوقۇقىنى قوغداش كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇشى كېرەك.
ئىككى ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدۇ، لى ئەپەندى ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئورناتقان ئېلېكتىرونلۇق مۈشۈك كۆز مۇقەررەر ھالدا ئىشىك ئالدىدىكى ئاممىۋى يول ھەم دېڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى سۈرەتكە تارتالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆز ئاپتوماتىك سۈرەتكە ئېلىش، يان تېلېفون بۇلۇتىدا ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە، شۇڭا لى ئەپەندى ئورناتقان ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆز ئەمەلىيەتتە دېڭ ئەپەندىنىڭ شەخسىي سىرىغا چېقىلغان، ئۇنى چۇۋۇۋېتىش كېرەك.
دېڭ ئەپەندى ئۆزى ئۇچرىغان روھىي زىيان توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە تولۇق دەلىل- ئىسپات كۆرسەتمىگەنلىكتىن، سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتىكى دەۋا تەلىپىنى قوللىمىدى.
سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا لى ئەپەندىنى ئېلېكترونلۇق مۈشۈك كۆزنى چۇۋۇۋېتىشكە ھۆكۈم قىلدى ھەم دېڭ ئەپەندىنىڭ باشقا دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
سوتچى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، نەرسە تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق مۈشۈك كۆز، ئېلېكتىرونلۇق ئىشىك قوڭغۇرىقى، ئېلېكتىرونلۇق تېلېكامېرا قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ھەممە ئائىلىگە كىردى، تۇرمۇشقا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، دائىرىنى چوقۇم ياخشى ئىگىلەش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ھەرگىز زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك. ئۆيگە كىرىدىغان ئىشىككە ئۈن- سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم قوشنىلاردىن پىكىر ئېلىش كېرەك، بولمىسا، ئاسانلا قوشنىلار ئارا ماجىرا يۈز بېرىپلا قالماي، قانۇن جەھەتتە ھوقۇققا چېقىلىش شەكىللىنىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «بېيجىڭ خەۋەرلىرى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)