5- ئاينىڭ 10- كۈنى، شەندۇڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە قاتنايدىغان تۇنجى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى. شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مال ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىشىغا يەنە بىر تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىرانسپورت يولى قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچىنى «ھاۋا يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا شەھىرى قىلىپ بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى.
بۇ تولۇق يۈك ئايروپىلانىغا 3.26 توننا مال قاچىلانغان بولۇپ، كىيىم- كېچەك، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شەندۇڭ ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى پىلانلاندى، ئىجرا قىلىش مىقدارى 50 توننىدىن 60 توننىغىچە بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ئۈرۈمچىدىن سىبىرىيەگە، ئۈرۈمچىدىن بېشكەككە يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدۇق.
پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)