يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭىسار ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلىدى. چولپان يېزىسى قازاقلائېرىق كەنتى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلە باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، كالا، قويلارنى بورداپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلدى. ئاممىنىڭ كىرىمى تەدرىجىي ئېشىپ، بەخت كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
5- ئاينىڭ 6- كۈنى، مۇخبىر بۇ كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى مۆمىن ئابدۇرېھىمنىڭ قوتىنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قوتاندا 60 نەچچە قوي بېقىپلا قالماي، يەنە 50 نەچچە كەپتەر بېقىۋاتقانلىقىنى كۆردى.