ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار بىلەن كۆرۈشتى
22:03:28 2024-05-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىراننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش ئەلچى جانابلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇلتۇردىن بۇيان، باش ئەلچى جانابلىرى ئۆمەك بىلەن بىللە جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئىراندا زىيارەتتە بولدى، بۇ باش ئەلچى جانابلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن ئىران ھەر ئىككىسى قەدىمىي مەدەنىيلىككە ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىران دۆلەت باشلىقى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى تېخىمۇ كەڭ سۇپا بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە مۇھىم، بايلىق ۋە رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكى ئىنتايىن روشەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىران بىلەن  ئورتاق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بوشلۇقى كەڭ. ئىران بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىدىغان رېئال ئېھتىياجقا قويۇپ، قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پائال پىلانلاپ، ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ئىراندىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇشىنى، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

 بەختىيار جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىران بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلار، خەلقئارا سەھنىدە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدايدۇ، ئۇزاقتىن بۇيان بىر- بىرىنى قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردە قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەر ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولۇپ، جۇڭگونى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلارغا تۇتاشتۇرىدىغان يول. نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا كۈنسېرى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئىران جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن يەنىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، تۆمۈريول قاتارلىق قاتناش لىنىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، كارخانا ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. ئىران − جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىران تەرەپ ئىران مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى شىنجاڭدا ئالماشتۇرۇپ كۆرگەزمە قىلىشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ.

 چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125