خوتەندىكى قۇملۇق پارنىكىدا شال تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى
12:05:57 2024-05-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات ئۆمىكى شىنجاڭ خوتەندىكى قۇملۇق پارنىكىدا تېز سۈرئەتتە شال ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلىپ تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ سېن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغىنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك شال سورتى <شىنجاڭ شېلى 1- نومۇر> بولۇپ، تېز ئۆستۈرۈش تېخنىكا ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بۇ يىل 2- ئايدا بىز شال مايسىسىنى كۆپ قەۋەتلىك ئىستېرېئولۇق تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش ئوقۇرىغا كۆچۈرۈپ تىكتۇق، كۆچۈرۈپ تىكىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە 60 كۈنلا ۋاقىت كەتتى».

 دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە شالنى ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن دۆلەت، جەنۇب ۋە شىمالدا ئۆستۈرۈلگەن شالنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120 كۈندىن 150 كۈنگىچە بولىدۇ، شىنجاڭ خوتەندىكى قۇملۇق پارنىكىدا ئۆستۈرۈلگەن شالنىڭ ئۆسۈش دەۋرى نېمە ئۈچۈن زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ؟ 2021- يىلى، سىچۇەن چېڭدۇدىكى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەھەر يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باش ئالىمى ياڭ چىچاڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ شالنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم پۈتۈن يىلدا پەسىل ئايرىماي ئۇدا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

 ياڭ چىچاڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئۆسۈملۈك زاۋۇتى مۇھىتىدا شال تېرىشنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى. «بىز ئىزچىل تۈردە ھەم تېز كۆپەيتكىلى بولىدىغان، ھەم تەننەرخنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغان بىر خىل تېخنىكا يولىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدۇق، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدە بىپايان قۇملۇق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، پارنىك ياساشقا كېتىدىغان يەر ئىشلىتىش تەننەرخى ۋە يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن. ئەگەر قۇملۇق پارنىكى شارائىتىدا زىرائەتلەرنى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرگىلى بولسا، تەننەرخنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ».

 كوللېكتىپ خوتەندە دەل جايىدا تەڭشەلگەن ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىنى تۇپراقنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئۆستۈردى، ئاندىن كۆپ ئىسپېكتىرلىق LED (نۇر چىقىرىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا) يورۇقلۇق مەنبەسى ۋە مۇھىتنى تەڭشەش- تىزگىنلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق شالنىڭ ئۆسۈشىگە نۇر بىلەن تىزگىنلەپ ۋە تېمپېراتۇرىنى تەڭشەپ ئارىلاشتى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك سىناق قىلىش ئارقىلىق، كوللېكتىپ ئاخىرى قۇملۇق پارنىكى شارائىتىدا شالنى تېز يېتىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىنى ئىگىلىدى.

 شالنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ياڭ چىچاڭ كوللېكتىپنى باشلاپ يەنە خوتەندىكى قۇملۇق پارنىكىدا دادۇر، كۆممىقوناق، بۇغداي، قىچا، كېۋەز ۋە بېدە قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېز ئۆستۈرۈش ھالقىلىق تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

 ياڭ چىچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ خوتەن قۇملۇق پارنىكىدا شالنى سىناق قىلىپ تېرىپ تېز ئۆستۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى قۇملۇق پارنىكى مۇھىتىدا زىرائەتلەرنى تېز ئۆستۈرۈشكە تامامەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، قۇملۇق پارنىكىنىڭ بىر يىلدا كۆپ قېتىم ئەۋلاد كۆپەيتىپ تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆۋەن تەننەرخلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قۇملۇقتىكى تۇتاش پارنىكنىڭ ئۈنۈمىمۇ تەكشۈرۈلدى. كەلگۈسىدە بۇنداق پارنىكنى يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق تېخنىكىلار بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى ۋە يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، خەلقئارادىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچى بولىدۇ. (مۇخبىر جياڭ جيەنكې)

 پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125