ئۇ چارۋىچىلارنى زامانىۋى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى
10:53:06 2024-05-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ يۈپىڭ

4- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەردىلا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى چىپار ئوي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دوبان بۇقاتان خوتۇنى بىلەن بىللە ئائىلىسىنىڭ زامانىۋى باقمىچىلىق قوتىنىدىكى 100 تۇياقتىن ئارتۇق كالا ۋە 200 تۇياقتىن ئارتۇق قويغا يەم- خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

بۇ يىل 50 ياشتىن ئاشقان دوبان يېزىدىكى نامى بار بېيىش باشلامچىسى، مۇشۇ يىللاردا دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن يۆلىشىدە، ئۇ ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ بېيىدى، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. دەسلەپكى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە يايلىتىپ بېقىشتىن ھازىرقى ئۇششاق چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇرۇش، پۈتۈنلەي قوتاندا يەم- خەشەك بىلەن بېقىشقىچە دوباننىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتىدىغان بولدى.

«ئىلگىرى، ئائىلىمىزدە 200 تۇياق قوي، يەنە كالا، ئات، تۆگە بار ئىدى، ھەر كۈنى بىرىمىز ماللارنى يايلىتىپ بېقىشقا مەسئۇل بولاتتۇق. باققان چارۋىلىرىمىز بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇششاق چارۋىلارنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، كىرىم كۈندىلىك چىقىمنىلا قامدىيالايتتى، مەيلى قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىق بولسۇن، چارۋىلارنى سىرتتا يايلىتىپ باقاتتۇق، يازلىق يايلاق خېلى يىراقتا بولغاچقا، كۆچۈپ بارغان يازلىق يايلاقتا يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇراتتۇق، كىچىك بالىلىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايتتۇق» دېدى دوبان ئىلگىرىكى باقمىچىلىق شەكلى ئۈستىدە توختالغاندا خۇرسىنغان ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چارۋىچىلارنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، پۈتۈنلەي قوتاندا يەم- خەشەك بىلەن بېقىش ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولدى. دوبان ئائىلىسىدىكى ئۇششاق چارۋىلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، ئۇششاق چارۋىلارنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇردى. 60 تۇياق نەسلى ياخشىلانغان كالا پۈتۈن بىر يىلدا 30نى موزايلىدى. قوتان قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئۇ 100 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ 350 كىۋادرات مېتىرلىق زامانىۋى باقمىچىلىق قوتىنى سالدى.

«قوتاننى كالىلارنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۆز جايىمىزنىڭ كىلىمات شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ سالدۇق، ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇپ، ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز سوۋۇشىنىڭ تەسىرى ۋە قوتاننىڭ نەملىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇ، كالىلارنىڭ يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشىگە پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەم- خەشەكلەرنى توشۇش ۋە باشقۇرۇشقىمۇ قولايلىق» دېدى دوبان.

دوبان يەنە بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىسىنىڭ 200 موغا يېقىن ئېتىزىغا سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق يەم- خەشەك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىدى، يېزىدىكى تېخنىكلارنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئائىلىسىنىڭ سىلوس قونىقى ھوسۇلى يىلدىن- يىلغا ئاشتى، ئۆزىنى ئۆزى قامداشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلارنى يېتەرلىك يەم- خەشەك بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، دوباننىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، ئەتراپتىكى سەككىز- توققۇز ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

دوبان كەلگۈسى تەرەققىيات توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل يەنە 200 تۇياق قوي سېتىۋالدىم، تەرەققىيات يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە كىرىمنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125