قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| جۈخارگۈل چېيىغا تىنىپ قالغان مۇھەببەت
17:49:50 2024-05-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

زاڭ خاۋرەن

 دېرىزە سىرتىدىكى جۈخارگۈل گۈللەر توزۇيدىغان كۈز پەسلىدە خۇشاللىق بىلەن پورەكلەپ ئېچىلىپ، سېرىق رەڭ بىلەن ئاق رەڭ بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى ساپ تۈسكە كىردى. ئاشۇ سۇس خۇش پۇراق مېنى ئوراپ تۇراتتى. ھەش- پەش دېگۈچە خاتىرەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئاشۇ ئىللىقلىقنى ئەسلەتتى...

 ئاشۇ يىلى كۈزدە، بوۋام ئۈزۈپ كەلگەن ياۋا جۈخارگۈلنى گۈللۈكنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تېرىدى. ئۇ ياۋا جۈخارگۈلنىڭ يوپۇرمىقى تىرناقچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، ئېچىلغاندا پەقەت بىر تال مىس تەڭگىچىلىك چوڭلۇقتىكى سېرىق گۈل يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا چاقناپ، خۇددى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەسلىكىدىن خىجىل بولۇپ باشقىلار بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

 ھەر قېتىم ياۋا جۈخارگۈل پورەكلەپ ئېچىلغاندا، بوۋام دائىم بىر چەتتە جىمجىت تۇرۇپ، خۇنۈك كۆزلىرىنى قىسىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ، ئاندىن بىر نەچچە تال گۈلنى ئۈزۈپ قۇرۇتاتتى. چىرايلىق سېرىق رەڭ قۇرۇپ كەتكەن گۈل بەرگىلىرىگە ئايلىنىپ، بىر يەرگە يىغىلاتتى. جۈخارگۈلنى قايناقسۇغا دەملىگەندە، گۈل بەرگى قايتىدىن ئېچىلىپ، سۇ جۈخارگۈلنىڭ تونىدا سۇس سېرىق رەڭدە بويىلىپ، سۇس خۇش پۇراق چىقىراتتى.

 بوۋام جۈخارگۈل چېيىنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، سەپرانى قايتۇرىدىغانلىقىنى دېگەچ، چاينى قولۇمغا سۇندى. خۇش پۇراق مېنى بىر يۇتۇم چاينى يېنىك ئىچىشكە قىزىقتۇردى، ئەمما تىلىمنىڭ ئۇچىغا «ئاچچىق» تېتىدى!

 بوۋام ئاغزىدا ئەمدى ماڭا دەملەپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقىنى بىلەن، لېكىن ئاشۇ بىر ئىستاكان جۈخارگۈل چېيى ئادەت بويىچە كىتاب ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇلاتتى. بوۋامنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، مەن بىر يۇتۇمنىمۇ ئاشۇرۇپ قويماي ئىچىۋېتەتتىم. بوۋامنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، يۈزىدىكى قاتار كەتكەن قورۇقلارنى نامايان قىلاتتى.

 ئاشۇ قېتىم، مەن قىزىپ قېلىپ، كۆزۈم ئارانلا ئېچىلىپ، پېشانەمدىن توختىماي تەر چىقىپ تۇراتتى. خىرەلىكتە، قولۇم مۇزدەك سوغۇق، بەك راھەت ھېس قىلدىم. مەن بوۋامنىڭ مۈكچەيگەن ھالىتىنى غۇۋا كۆردۈم، بوۋام سۇ بىلەن قىزىپ كەتكەن بەدىنىمنى سۈرتۈپ قويۇۋاتاتتى. بوۋام ئۆرۈلۈپ قايتىپ كېتىپ، خۇش پۇراق چاچقىنىچە قايتىپ كېلىپ: «بالام، بۇ جۈخارگۈل چېيىنى ئىچىۋېتىڭ» دېدى. بوۋام چاينى ماڭا سۇنۇپ ئەكىلىپ، ئاستا- ئاستا سوۋۇتۇپ، ئىچكۈزدى، تەمى يەنىلا شۇنداق كۈچلۈك ئىدى. بوۋام مېنىڭ ئىچىپ بولغىنىمنى كۆرگەندىن كېيىن كۈلگىنىچە كېتىپ قالدى. ئاشۇ كۈنى كەچتە، جۈخارگۈلنىڭ سۇس ھىدىنى پۇراپ، كۆڭلۈم خېلى ئارام تېپىپ، قىزىتماممۇ ياندى.

 ئىككىنچى يىلى كۈزدە، بوۋام ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ خۇش پۇراقلارمۇ يوقالدى، گۈللۈكنىڭ يېنىدا ئۇ تونۇش سىيمامۇ كۆرۈنمەس بولدى، ھېچكىممۇ مېنى قوغلاپ يۈرۈپ جۈخارگۈل چېيى ئىچكۈزمەيدىغان بولدى. ئاشۇ بىر دەستە ياۋا جۈخارگۈل يەنىلا گۈللۈكنىڭ بۇلۇڭىدا ياشاۋاتاتتى، يۇلتۇزدەك كىچىك گۈللەر قارامتۇل يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا چېچىلىپ تۇراتتى. مەن بىر نەچچە تال گۈلنى ئۈزۈپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، جۈخارگۈل چېيى دەملىدىم، سېرىق رەڭلىك كىچىك گۈل ئىستاكاننىڭ ئاستىغا يېيىلىپ، بېلىنى كېرىپ، ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن قاراۋاتقاندەك كۆرۈندى.

 ئاشۇ دەقىقىدە، ئىستاكاندىكى چاي قەلبىمنى بىر خىل ئىللىق ئېقىمغا چۆمدۈردى. مەن بۇ بىر ئىستاكان جۈخارگۈل چېيىغا تىنىپ قالغان مۇھەببەتنى ئەمدى چۈشەندىم، قارامتۇل يېشىللىق ئىچىدىكى سېرىق رەڭنىڭ قىممەتلىك قېرىنداشلىق مېھرى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشەندىم.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شاڭخەي شەھىرى مىنشىڭ رايونلۇق خېبېي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125