ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل) 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) ساھەسىدىكى نەچچە يۈز مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانا ۋەكىلى دىققەتنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاش، كۈچەيتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى خوتەن شەھىرىدە ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل فوتوسى
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جاڭ تۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توشقانزەدىكى، قىزىلگۈل قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تېرىلغۇ كۆلىمىنى 480 مىڭ مودىن ئاشۇرۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنى باشلامچى قىلغان، ناھىيە، يېزا ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى يانداش تىرەك قىلغان جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، مەركەزلىك تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سودا ئوبوروتى، پەن- تېخنىكا تەتقىقاتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىنىپ، مەھسۇلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق بازارلارغا سېتىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) خوتەن مەركىزى، خوتەن شەھىرى شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى سودا سۇپىسى، شىنجاڭ خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ھەم شىنجاڭ خوتەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى (مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى) مەدەنىيەت تەشۋىقات يىلى پائالىيىتى باشلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)