سىز چىشىڭىزنى بەلكىم توغرا چوتكىيالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن
17:05:56 2024-05-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 چىش چوتكىلاش قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا بىلىم كۆپ. تۆۋەندە بىز سىزگە چىش چوتكىلاشتا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراشلارنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

 بىرىنچى خاتا قاراش: چىش چوتكىلاش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ

 نۇرغۇن كىشى «چىش چوتكىلاش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. تەتقىقاتلاردا چىش چوتكىلاش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن، كۈچ 150 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە، چىش يۈزىدىكى تېخىمۇ كۆپ چىش كىرىنى تازىلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. شۇڭا، ياخشى تازىلاش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، چىش چوتكىلاش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن 5 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

 ئىككىنچى خاتا قاراش: قانداقلا چىش چوتكىسى ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ

 چىش چوتكىسىنى تاللاشنىڭ «قاتتىق كۆرسەتكۈچى» بار.

 بىرىنچى، چوتكا بېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراش: ئاسىيالىقلارغا كىچىك باشلىق چىش چوتكىسى تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. كىچىك باشلىق چىش چوتكىسى ئادەتتە چوتكا مويىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ئۇدۇل چىش كەڭلىكىنىڭ 1 ~ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، چوتكا مويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۇدۇل چىشنىڭ ئېگىزلىكىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئىككىنچى، چوتكا مويىنىڭ شەكلىگە قاراش: يان تەرەپتىن چوتكا مويىغا قارىغاندا تەكشى، تەتۈر قىلى بولمىغانلىرى ئەڭ ياخشى. ئۇچلۇق ئىنچىكە مويلۇق چىش چوتكىسىنى تاللاشقا بولمايدۇ، بۇنداق چىش چوتكىسى چىش مىلىكىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ.

 ئۈچىنچى، چوتكا مويىنىڭ يۇمشاق- قاتتىقلىقىغا قاراش: چوتكا بېشى بىلەن قولنىڭ دۈمبىسىنى تېرە سەل- پەل ئاقارغىچە يېنىك بېسىپ، ئۇياق- بۇياققا سۈركىسە بولىدۇ. ئەگەر بەلگىلىك سېزىم بولسا، قاتتىقلىق دەرىجىسىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر سانجىپ ئاغرىغان سېزىم بولسا، چوتكا مويىنىڭ بەك قاتتىق ئىكەنلىكىنى، چىش مىلىكىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر بەك ئاز سېزىم بولسا، چوتكا مويىنىڭ بەك يۇمشاق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 ئۈچىنچى خاتا قاراش: چىش پاستىسىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئىشلىتىشكە بولىدۇ

 ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا كۆپ مىقداردا باكتېرىيە يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بۇ باكتېرىيەلەر ئادەتتە چىش چوتكىسىنىڭ چوتكا مويى ئارىلىقىغا يېپىشىۋالىدۇ، ئەگەر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىر تال چىش پاستىسىنى ئورتاق ئىشلەتسە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر چىش چوتكىسى ئارقىلىق چىش پاستىسىنىڭ نەيچە ئېغىزىغا يىغىلىپ قېلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ چىش پاستىسى ۋە چىش چوتكىسى بولۇشى كېرەك.

 تۆتىنچى خاتا قاراش: چىش بولمىسا چىش چوتكىلاشنىڭ ھاجىتى يوق

 ياشانغانلار ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. گەرچە چىش «شەرەپ بىلەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان» بولسىمۇ، لېكىن شىللىق پەردە، چىش مىلىكى، چىش ئوقۇرى سۆڭىكى يەنىلا بار، ياشانغانلار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن ئېغىزىنى چايقاپ، يۇمشاق چىش چوتكىسى بىلەن چىش مىلىكىنى چوتكىلاپ يۇيۇشى ۋە ئۇۋۇلىشى كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق توقۇلمىلارغا پايدىلىق غىدىقلاشتۇر. قولىڭىزنى پاكىز تۇتۇش ئاساسىدا، چىش چوتكىسىنىڭ ئورنىغا بارمىقىڭىزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، چىش مىلىكىنى ئۇۋۇلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 بەشىنچى خاتا قاراش: يالغان چىشنى چوتكىلىمىسىمۇ بولىدۇ

 نۇرغۇن كىشى يالغان چىش سۈنئىي ماتېرىيالدىن ياسالغان، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ئەمەس، شۇڭا ئەستايىدىل تازىلاش ھاجەتسىز، سۈزۈك سۇدا چايقىۋەتسىلا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يالغان چىش ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئوخشاشلا يېمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە باكتېرىيەلەر يىغىلىپ قېلىپ، ئېغىز بوشلۇقى يۇقۇملىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئەنئەنىۋى يالغان چىش ھەمدە ھازىرقى زاماندىكى ئۆستۈرۈلگەن چىشنىڭ ھەممىسى مۇقىم يالغان چىش بولۇپ، ھازىرقى زامان چىش تاجىنىڭ سىرتقى يۈزى بىر قەدەر سىلىق، ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش رولى كۈچلۈك، تازىلاش ئاسان، چىش مىلىكى ۋە چىشنىڭ بويۇن قىسمى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى تەنچە تۇتاشقان رايون، كەمتۈك چىشنىڭ كۆۋرۈك گەۋدىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىنى نۇقتىلىق تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ. يالغان چىش ئىشلىتىدىغان ياشانغانلار يۇمشاق مويلۇق چىش چوتكىسى بىلەن پاستېر چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى بويىچە يالغان چىشنى يېنىك چوتكىلاپ، چىش يۈزىدىكى چىش باكتېرىيە دېغى ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلىۋەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز يەنە ئەنئەنىۋى چىش يىپى، سۇ چىش يىپى ياكى چىش يوچۇقى چوتكىسى قاتارلىق سايمانلار بىلەن چىش ئارىلىقىنى «تازىلاپ»، يالغان چىش ئىقتىدارىنىڭ نورماللىقىنى ساقلىسىڭىز بولىدۇ.

 ئالغىلى- سالغىلى بولىدىغان يالغان چىش سالغان ياشانغانلار توقۇلما يۈزى (چىش مىلىكى بىلەن ئۇچراشقان رايون)نى تازىلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، يالغان چىشنى چىلىغاندىن سىرت، يەنە چىش چوتكىسى بىلەن ئويمان قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلىسىڭىز بولىدۇ. ياشانغان دوستلار چىشىنى ياخشى چوتكىلاشتىن باشقا، يەنە قەرەللىك ھالدا ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، بۇ، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125