قاتناش ساقچىلىرى ئانىلارغا گۈل سوۋغا قىلىپ بەخت تىلىدى
13:41:07 2024-05-13 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولىدا قاتناش ساقچىسى يولدىن ئۆتۈۋاتقان پىيادىلەرگە گۈل سوۋغا قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى)

 «ئەڭ چىرايلىق گۈلنى ئەڭ گۈزەل سىزگە سوۋغا قىلاي! سىزنىڭ مەدەنىي قاتناشقا قاتناشقانلىقىڭىزغا رەھمەت!» 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ، پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھەردىكى ھەرقايسى يول ئېغىزلىرىدا ئايال شوپۇر ۋە پىيادىلەرگە قىزىل ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپ ۋە بەخت تىلەپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىي قاتناشقا تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

 ئۈرۈمچى شىخۇڭ يولى ۋە نەنخۇ يولى يول ئېغىزىدا شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ ياڭ بىر تال قىزىل ئەتىرگۈلنى پىيادىلەرگە يول بەرگەن شوپۇر خوۋ مياۋمياۋغا تۇتقۇزغاندا، خوۋ مياۋمياۋ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئانا، بۈگۈن ئاناممۇ مېنىڭ يېنىمدا، ئۆزىمىز ۋە بىز ئەڭ سۆيىدىغان ئائىلىدىكىلىرىمىز ئۈچۈن چوقۇم مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدىشىمىز كېرەك. مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ <بىخەتەرلىك بىرىنچى>نى داۋاملىق ئەستە چىڭ ساقلاپ، قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىدىغان مەدەنىي شوپۇر بولىمەن».

 «ئەتىرگۈلنى سىزگە سوۋغا قىلاي، سىزنىڭ داۋاملىق مەدەنىي قاتناشقا قاتناشقۇچىلاردىن بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن». قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ساقچىسى جاۋ يىفېي بىر تال ئەتىرگۈلنى تاكسى شوپۇرى شاۋ نىڭغا تۇتقۇزغاندا شاۋ نىڭ ھەيران قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ تاكسى ھەيدەۋاتقىنىمغا 15 يىل بولدى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم، ئادەتتىمۇ بالامغا قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قاتناش ساقچىلىرى بەرگەن گۈلنى تاپشۇرۇۋېلىشىم، ناھايىتى تەسىرلەندىم.

 جاڭ ياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 5- ئاينىڭ 11 -، 12- كۈنى ئۇدا ئىككى كۈن «ئەڭ چىرايلىق گۈللەرنى ئەڭ گۈزەل سىزگە سوۋغا قىلىمىز» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلغان ۋە پىيادىلەرگە يول بەرگەن ئايال شوپۇرلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مەدەنىي قاتناشقا، مەدەنىي سەپەرگە چىقىشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ساقچىلار 400گە يېقىن ئەتىرگۈل سوۋغا قىلغان.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125