يېقىنقى مەزگىلدە، مىكرو قىسقا تىياتىر ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقى، رىتىمىنىڭ تېزلىكى، ۋەقەلىكىنىڭ ئىخچام بولۇشى بىلەن نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. ھالبۇكى، نۇرغۇن قىسقا تىياتىرنى ئەزالار قىممەت تولۇقلىسا ياكى ھەق تۆلەپ سېتىۋالسا ئاندىن بارلىق مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بەزى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ مىكرو قىسقا تىياتىر كۆرۈش ئۈچۈن ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا ھەق تۆلىگەنلىكىنى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پۇل تۆلەشنى بىلمىگەچكە، بىلىپ- بىلمەيلا يۇقىرى سوممىلىق پۇل تۆلىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.
شاڭخەي جىڭئەن رايونىدىكى چېن خانىم پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، دائىم يان تېلېفونىدا مىكرو قىسقا تىياتىر كۆرەتتى. «ئالدىنقى بىر نەچچە قىسمىنى ھەقسىز كۆرگەن ئىدىم، كۆرۈپ 10- قىسمىغا كەلگەندە ئېكراندا قىممەت تولۇقلاش تەلەپ قىلىنغان ئەسكەرتىش كۆرۈندى.» چېن خانىم 9.9 يۈەن خەجلەپلا پۈتۈن تىياتىرنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۈچ قىسمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، قالدۇق سومما يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئەسكەرتىلىپ، داۋاملىق پۇل قاچىلاشنى تەلەپ قىلىنغان. چېن خانىم قىزىقىپ كۆرگەن بۇ تىياتىر جەمئىي 80 قىسىم بولۇپ، ئەگرى- توقاي ۋەقەلىك ئۇنى قايتا- قايتا پۇل قاچىلاشقا قىزىقتۇرغان، دەسلەپتە پۇل قاچىلىدىم، كېيىن بىۋاسىتە ئەزا بولدۇم. «بىر تىياتىرنى كۆرۈپ بولغىچە، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 200 نەچچە يۈەن خەجلىدىم.» چېن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نۇرغۇن مىكرو قىسقا تىياتىرغا قىزىقىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلىگەن.
تاماشىبىنلارنى ھەق تۆلەشكە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم مىكرو قىسقا تىياتىر سودىگەرلىرىنىڭ يولى ناھايىتى كۆپ. سودىگەرلەر ئالدى بىلەن سىن سۇپىسىدا ئېلان بېرىپ، تاماشىبىنلارنى نەزەرىنى كىچىك پىروگراممىغا يۆتكەشكە جەلپ قىلىدۇ. دەسلەپتە تىياتىرنى ھەقسىز كۆرۈشكە بولىدۇ، مەلۇم قىسىمغا كەلگەندىن كېيىن ھەق تۆلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تاماشىبىنلار بىۋاسىتە نەق پۇل قاچىلىمايدۇ، بەلكى سودىگەرلەر ئۆزى بېكىتكەن «تىللا»، «ئالتۇن پۇرچاق»، «كۆرۈش نۇقتىسى» قاتارلىق مەۋھۇم پۇل بىرلىكىگە ئايرىباشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەۋھۇم پۇل بىرلىكى بىلەن قانچە قىسىملىق تىياتىرنى كۆرەلىشىدە پۈتۈنلەي سودىگەرلەرنىڭ دېگىنى ھېساب، خىراجەت يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئايرىباشلاش قائىدىسىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتىلىدۇ.
تاماشىبىنلارنى ھەق تۆلەشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، سودىگەرلەر ئايلىق، پەسىللىك ۋە يىللىق ئەزا بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل قىممەت تولۇقلاش ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەپ، «ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ئەرزان» دەيدۇ. ئەمما تاماشىبىنلار قىممەت تولۇقلاپ ئەزا بولغاندىن كېيىن، دائىم كۆپ قىسىملىق تىياتىر قىسقىراپ كېتىش، كۆرگىلى بولماسلىق، ئىككىنچى قېتىم ھەق تۆلەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. يىللىق ئەزا بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت مۇشۇ مىكرو قىسقا تىياتىرنىلا كۆرەلەيدۇ، باشقا يېڭى تىياتىرلارنى كۆرەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى سودىگەرلەر يەنە تاماشىبىنلارنىڭ ئاپتوماتىك پۇل تۆلىشىگە ئۈن- تىنسىز «ياردەم بېرىدۇ». مەسىلەن، بىرىنچى قېتىم قىممەت تولۇقلىغاندا، كۆرۈنمە يۈز «كېيىنكى قىسىمنى ئاپتوماتىك ئېچىش» دېگەن تۈرنى ئاپتوماتىك تاللايدۇ. نومۇر بەك كىچىك ھەم ئورنى كۆزگە چېلىقمايدىغان بولغاچقا، بەزى تاماشىبىنلار دىققەت قىلماي، ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇدا ھەق تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
بۇ يىل 1- ئايدا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 2023- يىلى 4- پەسىللىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ئاممىۋى پىكرى قىزىق نۇقتىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا سىن سۇپىسىدىكى مىكرو قىسقا تىياتىرلارغا ھەق تۆلەشكە قىزىقتۇرۇش مەزمۇنى بار. جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جۈنخەي مۇنداق بىلدۈردى: خۇپسەنلىك قىلىپ تۆۋەن باھادا خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ، ئەمەلىي كۆرۈش تەننەرخى نەچچە ئون يۈەن ھەتتا نەچچە يۈز يۈەنگە يېتىپ، ساختا تەشۋىقاتقا چېتىلىدۇ؛ قىممەت تولۇقلاش كۆرۈنمە يۈزىدە ئېنىق، تەپسىلىي ئىشلىتىش قائىدىسى، ئىشلەتكۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، ئەزالار كېلىشىمى قاتارلىقلار يوق، ھەتتا ئۈن- تىنسىز ھالدا ئاپتوماتىك داۋاملىق ھەق تۆلەيدىغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىن تاللاش ھوقۇقىغا چېقىلدى.
«ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەپسىلىي قائىدىسى، ئۆلچىمى ھەمدە ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ناچار سودىگەرلەر ۋە ئالاقىدار مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى <قارا تىزىملىك>كە كىرگۈزۈشى كېرەك.» بېيجىڭ شەھەرلىك ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە كەسپى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شۈ زېۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: مىكرو قىسقا تىياتىر بىر خىل يېڭىدىن گۈللەنگەن مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساھە تەلەپچانلىقىنى تەكىتلەش كېرەك، باشلامچى كارخانىلار بىرلىشىپ ساھە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ساھە ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاخىرىدا پۈتكۈل ساھەنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 2023- يىلى 11- ئايدا توردىكى مىكرو قىسقا تىياتىرلارنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى باشلاپ، «توردىكى مىكرو قىسقا تىياتىرلارنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەپسىلىي قائىدىسى»نى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، توردىكى مىكرو قىسقا تىياتىر APP سى ۋە كىچىك پىروگراممىلىرىنى كۈندىلىك ئاپپاراتلارنىڭ باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەتقىق قىلدى. نۇرغۇن قىسقا سىن سۇپىسىمۇ ئارقا- ئارقىدىن تەدبىر قوللىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆۋەن سۈپەتلىك مىكرو قىسقا تىياتىرلارغا زەربە بەردى.
ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە ساھە تەلەپچانلىقىدىن باشقا يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۇرغۇن مىكرو قىسقا تىياتىر ئىشلىگۈچى تەرەپ ئەرز قىلىنغاندىن كېيىن، ھەمىشە تىياتىرنى بىۋاسىتە ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، ئىستېمالچىلار ھەق قايتۇرۇۋېلىش يولىنى تاپالماي، ھوقۇقىنى قوغدىشى قىيىنغا توختايدۇ. «ئەگەر سۇپا تەرەپ سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىنىڭ كونكرېت نامى ۋە ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، تالاش- تارتىش يۈز بەرگەندە سۇپا ئالدىن تۆلەم بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.» دېدى ليۇ جۈنخەي.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىكرو قىسقا تىياتىرلارنىڭ مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ۋە سودا ئەندىزىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىدە يەنىلا ئۆسۈش بوشلۇقى بار. «تۈزەشنى كۈچەيتىشتىكى مەقسەت مىكرو قىسقا تىياتىر تەرەققىياتىنى چەكلەش ئەمەس، بەلكى كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن.» شۈ زېۋېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: «تىياتىر ئىشلىگۈچى تەرەپ ئۈنۈمنى قوغلىشىش بىلەن بىللە، مەزمۇن قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، تىياتىر ۋەقەلىكىنىڭ موللۇقى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت تارقىتىش، ئىدىيە قىممىتى قاتلىمىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك.»
پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)