ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ مېڭچى، جاۋ پېڭ)
توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ئوغۇل تەرەپ ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى دائىم قىز تەرەپنىڭ ھېساباتىغا پۇل يۆتكەپ بېرىپ، بۇنى تويلۇق دەپ قارىدى. ئەگەر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىسە، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ پۇللارنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بولامدۇ؟ يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر دېلونى بېجىردى.
دېلو ئەھۋالى
2022- يىلى، شياۋجاڭ دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئوغۇل دوستى شياۋليۇ بىلەن تونۇشتى. ئىككىيلەن مۇھەببەتلىشىش مەزگىلدە، شياۋليۇنىڭ ئانىسى شيې X تەشەببۇسكارلىق بىلەن شياۋجاڭنىڭ ۋېيشىنىنى قوشۇۋالدى ھەم ۋېيشىندا ھېساباتقا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شياۋجاڭغا 9999.99 يۈەن پۇل يۆتكىدى، يەنە «كۆرۈشۈش سوۋغىسى» دەپ 5000 يۈەن يۆتكەپ بەردى.
ئۇزاق ئۆتمەي، شياۋجاڭ بىلەن شياۋليۇنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلدى، شيې X شياۋجاڭدىن 15 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شياۋجاڭ بۇنى رەت قىلدى.
ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولدى، بۇ يىل 3- ئايدا، شيې X شياۋجاڭ ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن شياۋجاڭنى پۇلنى قايتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
قاراپ چىقىش
سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوت ئېچىپ بۇ دېلونى قاراپ چىقتى.
«بىز ۋېيشىنىمىزنى قوشۇشقاندىن كېيىن، ئۇ مەندىن ھال- ئەھۋال سوراپ تۇردى، ئوغلۇمنىڭ بالدۇرراق توي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۆرپ- ئادىتىمىز بويىچە ئۇنىڭغا پۇل يۆتكەپ بەردىم. ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم پۇل يۆتكەپ بېرىشىممۇ ئوغلۇمنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن ئىدى، بۇ ھەرگىزمۇ شەرتسىز ھەدىيە قىلغانلىق بولمايدۇ. ئۇ ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى، بۇ ماڭا زىيان بولدى»، دېدى شيې X.
«ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەچكە، ۋېيشىن پاراڭلىشىش خاتىرەمنى تاپالمىدىم، لېكىن ئۇ ماڭا پۇل بەرگەندە، بىز تېخى كۆرۈشۈپ باقمىغان تۇرساق، شۇڭا بۇ پۇل ئۆيلىنىش ئەھدى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، تويلۇق ئەمەس، بۇ ھەقسىز ھەدىيە قىلغانغا ھېساب». بۇنىڭدىن باشقا، شياۋجاڭ دەۋاگەرنىڭ ئوغلى بىلەن مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شەخسىي چىقىم سوممىسىنىڭ ھەتتا بۇ پۇلدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنى ئاقلىدى.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، بۇ دېلو ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن مال- مۈلۈك ماجىراسى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تويلۇق ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلونى قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»نىڭ 4- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن مال- مۈلۈك ماجىراسىدا، ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن بىر تەرەپ ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىي تويلۇق بەرگەن ئاتا- ئانىسى ئورتاق دەۋاگەر بولسا بولىدۇ؛ ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن يەنە بىر تەرەپ ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىي تويلۇق بەرگەن ئاتا- ئانىسى ئورتاق جاۋابكار بولسا بولىدۇ. ئاجرىشىش ماجىراسىدا، بىر تەرەپ تويلۇقنى قايتۇرۇش دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، دەۋالاشقۇچى يەنىلا ئەر- خوتۇن ئىككى تەرەپ بولىدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تۈردىكى دېلودا پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن ئىككى تەرەپ دەۋالاشقۇچى دەۋا سۇبيېكتى بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت داۋامىدا، تويلۇق بەرگۈچى تەرەپ بىلەن قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن دەۋالاشقۇچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، ئۆرپ- ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تويلۇق سوممىسى، تويلۇقنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قاتارلىق دېلو پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتىنى بېكىتىشكە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن بىر تەرەپ ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىي تويلۇق بەرگەن ئاتا- ئانىسى ئورتاق دەۋاگەر بولسا بولىدۇ، ئالدىنقى شەرتى بولسا ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن ئىككى تەرەپ دەۋا سۇبيېكتى بولۇشى كېرەك.
بۇ دېلودا، دەۋاگەر شيې Xنىڭ ئوغلى بىلەن دەۋاگەر شيې X دەۋاگەر سۈپىتىدە ئۆيلىنىشكە ئەھدىلەشكەن مال- مۈلۈك ماجىراسى دەۋاسى قىلىشى كېرەك، دەۋاگەر شيې Xنىڭ دەۋا سۇبيېكتى بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇۋاپىق ئەمەس. سوت مەھكىمىسى قانۇننى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، شيې X ئوغلىغا بۇ ئىشنى بىلدۈرگۈسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا، بۇ سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ دەۋاگەر شيې Xنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)