دېھقان ئېتىزلىققا بېرىش يولىدا قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتسە، سۇغۇرتىنىڭ تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟
12:17:09 2024-05-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لى جىلياڭ سىزغان

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ دەن 

نۇرغۇن دېھقان يېزا ئىگىلىك ياللىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، سۇغۇرتا توختامىدا ئادەتتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى توغرىسىدا بەلگىلىمە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ رايون دائىرىسى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ ئالاقىدار جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ماددىلىرى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟ كورلا تۆمۈر يول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى يېقىندا بېجىرگەن بىر دېلونى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

دېلو ئەھۋالى

لى x بىلەن ئايالى ۋېي x لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مەلۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۇلار بىر ئائىلە 82 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالغان.

2023- يىلى 3- ئايدا، لى x كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن باشقا دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىدىن يېزا ئىگىلىك ياللىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغان، سۇغۇرتا مۇددىتى 2023- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولۇپ، ئۆلۈم- مېيىپلىك تۆلەم بېرىش چېكى 100 مىڭ يۈەن ئىكەن.

سۇغۇرتا توختامىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە، سۇغۇرتىلانغۇچى ياللىغان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىم ياكى دېھقان ئۆزى سۇغۇرتا تالونىدا يېزىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبىدىن كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانسا، مېيىپ بولۇپ قالسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2023- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ۋېي x ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېتىزغا ئىشلىگىلى كېتىۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاتناش تارمىقى ۋېي xنى ھادىسە سادىر قىلغان ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن تەڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن. ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لى x تۆلەم بېرىش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن سۇغۇرتا شىركىتىنى ئىزدەپ بارغان، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا توختامىدىكى جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىم ئىشقا بېرىش- كېلىش جەريانىدا ئۆزى جىسمانىي تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ۋېي ھادىسە يۈز بەرگەن جاي «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى» ئەمەس دېگەننى باھانە قىلىپ، تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان.

بۇ يىل 2- ئايدا، لى ئامالسىزلىقتىن  كورلا تۆمۈر يول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا تۆلەم چېكى بويىچە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى 100 مىڭ يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىغان: سۇغۇرتا توختامىدىكى جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ماددىسىدا گەرچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىشقا بېرىش-  كېلىش جەريانىدا ئۆزى جىسمانىي تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتىچى تۆلەم بېرىشكە مەسئۇل بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن جاۋابكار سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلاتقاندا جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ماددىسىنى چۈشەندۈرگەنلىك توغرىسىدىكى ئۈنۈملۈك دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى دېلوغا چېتىشلىق سۇغۇرتا توختامىدىكى جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش ماددىسى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ بېكىتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋېي x ھادىسە يۈز بەرگەن جاي كېۋەزلىك بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 مېتىر كېلىدىغان چىغىر يولدا بولۇپ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى»نى دېھقانلار سۇغۇرتىلاتقان تېرىقچىلىق كۆلىمى رايونى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلىشى، ماھىيەتتە «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى»غا قارىتا سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئەتىگە پايدىسىز بولغان چەكلىمە چىقارغانلىق ياكى كىچىكلىتىپ چۈشەندۈرگەنلىك  ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ سوت مەھكىمىسى قوللىمىغان.

بۇ يىل 4- ئايدا، كورلا تۆمۈر يول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە سۇغۇرتا شىركىتىنى سۇغۇرتا تۆلەپ چېكى سوممىسى بويىچە لى xكە 100 مىڭ يۈەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. نۆۋەتتە، بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125