شيا خەي
دادام 40 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يېزىدا يىلتىز تارتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى. دادامنىڭ تەسىرىدە، مەن 19 ياشقا كىرگەن يىلى يېزا ئوقۇتقۇچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى تاللىدىم.
بىر نەچچە يىل سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆيدىن 20 چاقىرىم يىراقلىقتىكى بىر يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى بولدۇم. ھەر قېتىم دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆيگە قايتسام، ھەمىشە مەندىن خاتىرجەم بولالمايدىغان دادام مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، ماڭا «ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش، خۇشاللىق بىلەن تەربىيەلەش» كېرەكلىكىنى ئەڭ كۆپ ئېيتاتتى. دادامنىڭ دەرس ئاڭلاش كەچۈرمىشى ماڭا باشتىن- ئاخىر ئىللىقلىق بېغىشلاپ، زادىلا ئېسىمدىن چىقمىدى.
1993- يىلى باش قىشنىڭ بىر ئەتىگىنى، ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، تۇمان بولۇپ كەتكەنىدى. مەن كىتاب- دەپتەرلىرىمنى قىستۇرۇپ دەرسكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا، كەينىمدىن تۇيۇقسىز ۋېلسىپىتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۆرۈلۈپ قارىسام، دادام ئىكەن. تۇمان ئىچىدە قالغان دادامنىڭ چاپىنى تۇماندا نەملىشىپ كېتىپتۇ، چاچلىرى پېشانىسىگە چاپلىشىپ تېخىمۇ شالاڭلاپ قالغاندەك بولۇپ قاپتۇ، ياداڭغۇ چىرايى ئۇنى تېخىمۇ قېرى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. مەن ئېغىز ئاچمايلا، دادام ئالدىراپ- تېنەپ: «باشقا ئىش يوق، دەرسىڭىزنى ئاڭلىغىلى كەلدىم»، دېدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم. ئەسلىدە مېنىڭ بىر سائەتلىك دەرسىمنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا، ئوڭغۇل- دوڭغۇل يېزا يولىدا ۋېلسىپىت مىنىپ نەچچە ئون چاقىرىم مېڭىپ كەلگەنىكەن، مەن ئاۋۋال ھاڭۋېقىپ قالدىم، ئارقىدىنلا كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.
بۇ سائەتلىك دەرسكە تولۇق تەييارلىق قىلالمىغانلىقىمدىنمۇ، ياكى دادام دەرسخانىدا ئولتۇرغاچقىمۇ، مەن سەل جىددىيلىشىپ، قورۇنۇپ قالدىم. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، دادام ياتىقىمدا بۇ سائەتلىك دەرسكە باھا بېرىپ، ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر قانچە جاينى ئېيتىپ بەردى. دادامنىڭ سۈرلۈك چىرايىغا قاراپ، مەن ئادەتتىكىدەك ئەپلەپ- سەپلەپ دادامغا جاۋاب بېرىۋېتىدىغان گەپلەرنى قىلمىدىم، بەلكى، خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تەنبىھ يېگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك، دادامنىڭ تەلىمىنى جىمجىت ئاڭلىدىم.
قايتىش ئالدىدا دادام مۈرەمگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ: «مائارىپ بىر مەيدان ئىللىق تەربىيەلەش، روھ روھقا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھاياتلىق ھاياتلىقنى ئىللىتىدىغان جەريان، پەقەت يۈزدە يۈز كۆڭۈل قويغاندىلا، ئاندىن بۇ مۇقەددەس كەسىپكە يۈز كېلەلەيمىز»، دەپ تاپىلىدى. بۇ چاغدا، مەن ئاندىن دادامنىڭ دەرس ئاڭلاشتىكى مەقسىتىنى ھەقىقىي چۈشەندىم. مائارىپ بىر خىل سەنئەت، مائارىپ دېڭىزىدا، مەن پەقەت دېڭىز بويىدا قولۋاق سەيلىسى قىلىپ قۇلۇلە قېپى تېرىپتىمەن، بىپايان دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلالماپتىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، دادام دائىم مەندىن خىزمەت ئەھۋالىمنى ئىگىلەپ تۇردى، مېنىڭ ھەر بىر ئىلگىرىلەش، ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىن سۆيۈندى. ئىككىنچى يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، دادام يەنە بىر ئۆمۈر توپلىغان ئوقۇتۇش خاتىرىلىرىنى ماڭا سوۋغا قىلدى ھەمدە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ، باشقا جايلاردىن ماڭا بىر قىسىم داڭلىق مائارىپچىلارنىڭ ئوقۇتۇش توپلاملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ بەردى. ھەر قېتىم، تەسىرلەنگەنلىكىمدىن تىل بىلەن قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالدىم.
ئاشۇ مەزگىلدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا، دادامنىڭ تەلەپچانلىقى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش ئىشلىرىغا بېرىلدىم، بۇنىڭدىن مەن دەرسلىكتە يوق نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولدۇم.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)