4- ئايدا شىنجاڭدا ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى
16:00:28 2024-05-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە ئۆزگەردى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فېڭ) 5- ئاينىڭ 13- كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 4- ئايدا، شىنجاڭدا ئاھالە ئىستېمال باھاسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى؛ زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئايدىكى %0.8 تۆۋەنلەشتىن %0.2 ئۆرلەشكە ئۆزگەردى. 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، شىنجاڭدا ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.4 تۆۋەنلىدى.

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى «ۋەنچى» مەيدانىدىكى شۆيۈ تاللا بازىرىدا خېرىدار كۆكتات، مېۋە تاللاپ سېتىۋالماقتا.  لاچىن جىڭىسبېگ فوتوسى

 بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى %6 تۆۋەنلىدى، يېمەكلىكتىن باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسى %1.6 ئۆستى؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.7 چۈشتى، مۇلازىمەت باھاسى %1.1 ئۆستى. يېمەكلىكلەر ئىچىدە، يېڭى مېۋە باھاسى %10.1 چۈشتى، يېڭى كۆكتات باھاسى تەڭلەشتى، چوشقا گۆشى باھاسى %3.0 ئۆستى، كالا گۆشى باھاسى %20.2 چۈشتى، قوي گۆشى باھاسى %10.6 چۈشتى، تۇخۇم باھاسى %11.3 چۈشتى، ئاشلىق باھاسى %2.0 چۈشتى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باھاسى %0.4 چۈشتى.

 سەككىز چوڭ تۈردىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسى جەھەتتە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە تۈردىكىنىڭ ئۆستى، ئىككى تۈردىكىنىڭ تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقا بۇيۇملار ھەم مۇلازىمەت باھاسى %4.6 ئۆستى، كىيىم- كېچەك باھاسى %3.2 ئۆستى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش باھاسى %2.7 ئۆستى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەم مۇلازىمەت باھاسى %2.0 ئۆستى، تۇرالغۇ باھاسى %1.8 ئۆستى، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش باھاسى %0.8 ئۆستى؛ قاتناش- خەۋەرلىشىش باھاسى %1.0 چۈشتى، يېمەكلىك، تاماكا، ھاراق باھاسى %3.4 چۈشتى.

 زەنجىرسىمان سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى %0.9 چۈشتى، يېمەكلىكتىن باشقا تاۋارلار باھاسى %0.5 ئۆستى؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.1 ئۆستى، مۇلازىمەت باھاسى %0.4 ئۆستى. يېمەكلىكلەر ئىچىدە، يېڭى مېۋە باھاسى %1.4 چۈشتى، يېڭى كۆكتات باھاسى %4.5 چۈشتى، چوشقا گۆشى باھاسى %2.1 ئۆستى، كالا گۆشى باھاسى %4.3 چۈشتى، قوي گۆشى باھاسى %1.3 چۈشتى، تۇخۇم باھاسى %3.5 چۈشتى، ئاشلىق باھاسى %0.3 ئۆستى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باھاسى %1.2 ئۆستى.

 سەككىز چوڭ تۈردىكى تاۋار ھەم مۇلازىمەت باھاسىنى زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا بەش تۈردىكىنىڭ ئۆستى، ئىككى تۈردىكىنىڭ تەڭلەشتى، بىر تۈردىكىنىڭ تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقا بۇيۇملار ھەم مۇلازىمەت باھاسى %2.6 ئۆستى، قاتناش- خەۋەرلىشىش باھاسى %1.5 ئۆستى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەم مۇلازىمەت باھاسى %0.8 ئۆستى، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش باھاسى %0.5 ئۆستى، كىيىم- كېچەك باھاسى %0.2 ئۆستى؛ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش باھاسى تەڭلەشتى، تۇرالغۇ باھاسى تەڭلەشتى؛ يېمەكلىك، تاماكا، ھاراق باھاسى 0.7 تۆۋەنلىدى.

 سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 4- ئايدا، شىنجاڭدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى(PPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 تۆۋەنلىدى، زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا %0.8 ئۆستى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 تۆۋەنلىدى، زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا %0.2 ئۆستى. 1- ئايدىن 4- ئايغىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.0 چۈشتى، سېتىۋېلىش باھاسى %2.3 چۈشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125