ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن) 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئاچقان ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ گۇڭئەن ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماقلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان، دائىم يۈز بېرىدىغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك ئىقتىسادىي جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، 2023- يىلىدىن بۇيان 3400دىن كۆپرەك تۈرلۈك ئىقتىسادىي جىنايەتكە دېلو تۇرغۇزۇپ، 2400 نەچچىنى پاش قىلىپ، 1 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلگەن، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40تىن كۆپرەك ئاشقان.
5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن فوتوسى
2023- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ گۇڭئەن ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماقلىرى تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى مەركەزلەشكەن ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى مەلۇم قىلىش، دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان، تەرتىپى قېلىپلاشمىغان بىر تۈركۈم قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتكەن دېلولارنى تۈزىتىپ، ئىقتىسادىي ساھەگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)