يېقىندا، «بىر دادا بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ئاچچىقىنى باسالماي ئانار بىلەن ئۇرۇپ، بالىنىڭ تېلىنى يېرىۋەتكەن» ئىش قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.
رېئال تۇرمۇشتا، ھەقىقەتەن بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالىنى تەربىيەلىگەندە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۇرۇش، تىللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ. ئۇنداقتا، بالا تەربىيەلىگەندە بالىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ئائىلە زۇلۇمى ھېسابلىنامدۇ؟ ۋەسىي قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
ئەمدى «قانۇنچىللىق گېزىتى» ئادۋوكات مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ خۇيشياڭ ئادۋوكاتلىق ئورنى جىنايى ئىشلار قانۇنى كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ چيەن ئادۋوكاتنىڭ كەسپىي چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈپ باقايلى!
بالىنى تەربىيەلىگەندە بالىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ئائىلە زۇلۇمى ھېسابلىنامدۇ؟
ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، لېكىن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ چەك- چېگراسى بولۇشى كېرەك، قانۇندىمۇ تەربىيەلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلغان. ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ 12- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى مەدەنىي ئۇسۇلدا ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى، ۋەسىيلىك ۋە تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئائىلە زۇلۇمى يۈرگۈزمەسلىكى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ 17- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى، قانۇنسىز ھالدا بېقىۋېلىشقا بەرمەسلىكى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە زۇلۇمى يۈرگۈزمەسلىكى كېرەك.
ئائىلە زۇلۇمى دېگىنىمىز، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش، باغلاش، زەخىملەندۈرۈش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، شۇنداقلا دائىم تىللاش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئائىلە زۇلۇمى قىلمىشىنى بېكىتىشتە، ئادەتتە ئائىلە زۇلۇمى قىلمىشىنى يۈرگۈزۈشنىڭ سەۋەبى، ئائىلە زۇلۇمى يۈرگۈزۈش قېتىم سانى ياكى تەكرارلىنىشچانلىقى، ئائىلە زۇلۇمى يۈرگۈزۈشنىڭ زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان- چىقارمىغانلىقى ئويلىشىلىدۇ. ئەگەر بالىنى تەربىيەلىگەندە بالىنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەن، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتى سىجىل، دائىملىق بولمىغان، پەقەت ئاندا- ساندا يېنىك ئۇرۇپ تىللىغان بولسا، ئادەتتە ئائىلە زۇلۇمى، دەپ قارالمايدۇ.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: «قانۇنچىللىق گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)