نيۇيورك تاۋار سودا ئورنىنىڭ ئالتۇن قەرەللىك مال بازىرىدا تىجارەت ئەڭ جانلىنىدىغان 6- ئايلىق ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى 13- چېسلا %1.38 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ 2342.3 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھاسى بىلەن بازار يېپىلدى.
بىر نەچچە كۈن ئۆرلىگەندىن كېيىن، سودىگەرلەرنىڭ پايدا ئېلىشى توختىدى، شۇ كۈنى ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى. ئالتۇن باھاسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى %1تىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
بازار ئامېرىكىنىڭ 14- چېسلا ئېلان قىلىنىدىغان 4- ئايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى، 15- چېسلا ئېلان قىلىنىدىغان 4- ئايدىكى ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچىنى كۈتمەكتە. سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
بازار تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ھەم كاساتلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ قوللىشىغا، ھەم كاساتلاشقان پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ قوللىشىغا موھتاج. نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناس ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 9- ئايدىن باشلاپ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، بۇ يىل ئۆسۈمنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
تېخنىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا، باھا ئۆرلەيدۇ دەيدىغان قاراشتىكىلەر يېقىندا يەنىلا ئومۇميۈزلۈك تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە. مۆلچەرلىنىشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى ئۆسۈش نىشانى 2400 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن؛ تۆۋەنلىشىدىكى تېخنىكىلىق تىرەك باھاسى 2300 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشى مۇمكىن.
شۇ كۈنى 7- ئايدا تاپشۇرىدىغان كۈمۈشنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %0.28 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيە كۈمۈشنىڭ 28.425 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھاسى بىلەن بازار يېپىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)