چىش ئارىسىغا نەرسە كىرىپ قېلىش ھەممە ئادەمدە دېگۈدەك بولىدىغان ئەھۋال
ئەمما، كۆپ ۋاقىتلاردا چىش ئارىسىغا كىرىپ قالغان نەرسىلەرنى بارمىقىمىز، تىلىمىز ياكى چىش يىپى بىلەن ئوڭايلا چىقىرىۋېتەلەيمىز
شۇڭا، نۇرغۇن كىشى بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ
لېكىن، سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن
ئەگەر چىش ئارىسىغا دائىم نەرسە كىرىپ قالسا
بۇ، چىشىڭىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقانلىقى بولۇشى مۇمكىن
بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ!
1
نېمە ئۈچۈن چىش ئارىسىغا نەرسە كىرىپ قالىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە ساغلام چىشلار ئارىسىدىمۇ يوچۇق بولىدۇ، بىراق بۇنداق يوچۇق «يوشۇرۇن» بولىدۇ، چىشلار بىر- بىرىگە ئىنتايىن يېقىن تۇرىدۇ، بىر- بىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ، ئەمما كۆز بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈش تەس. شۇڭا، گەرچە چىش يىپىنى چىش ئارىسىغا كىرگۈزەلىسەكمۇ، نورمال ئەھۋالدا، يېمەكلىكلەر چىش ئارىسىغا كىرىۋالمايدۇ.
ئەگەر چىشلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا دائىم يېمەكلىك كىرىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەب... چىشلىرىڭىزنىڭ ئارىسى كېڭىيىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئاساسلىق مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال «چىش ئارىسىنىڭ كېڭىيىپ» كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. چىشىنىڭ كەمتۈك بولۇشى
ئەگەر چىشىڭىزدا قۇرت يېگەن، سۇنغان، ئۇپرىغان دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، چىش بىلەن چىش ئارىسىدىكى ئەسلىدىكى زىچ ھالەت ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، يېمەكلىك چىشنىڭ كەمتۈك قىسمىغا ئاسانلا كىرىۋالىدۇ (مەسىلەن، قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئىچىگە)، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنى چىقىرىۋېتىش بەك تەسكە توختايدۇ.
2. چىش مىلىكىنىڭ يىگلەپ كېتىشى
چىش مىلىكىنىڭ يىگلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ناھايىتى كۆپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى چىش ئەتراپى ياللۇغى. چىش ئەتراپى ياللۇغىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ!
چىش ئەتراپىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماي، چىش تېشى چىش بىلەن چىش مىلىكى ئارىسىغا يىغىلىپ قالسا، چىش مىلىكىنى داۋاملىق غىدىقلاپ، چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىۋالىدۇ. چىش ئەتراپى ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ بىر قەدەر ئېغىر باسقۇچقا يەتكەندە، ئەسلىدە چىشنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان چىش ئوقۇرى سۆڭىكى ياللۇغنى سۈمۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا چىش مىلىكى چىش ئوقۇرى سۆڭىكىگە ئەگىشىپ بىرلىكتە يىگىلەپ، «قارا ئۈچ بۇرجەك»نى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، مېخانىكىلىق كۈچنىڭ سىجىل تەسىر كۆرسىتىشىمۇ چىش مىلىكىنىڭ يىگلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، چىش ئارىسىغا نەرسە كىرىپ قالغاندىن كېيىن، قاتتىق بامبۇكتىن ياسالغان چىش كولىغۇچ بىلەن كىرىپ قالغان نەرسىلەرنى چىقىرىش، مويى قاتتىق چىش چوتكىسى بىلەن چىشنى كۈچەپ چوتكىلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىش مىلىكىنى زەخىملەندۈرۈپ، چىش مىلىكىنىڭ يىگلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەنە بىرسى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئوخشاشلا چىش مىلىكى يىگلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، لېكىن، بۇنداق فىزىيولوگىيەلىك چېكىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى خىلغا سېلىشتۇرغاندا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. بىراق، چىش مىلىكى ئاخىرىدا تەدرىجىي بوشاپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، چىش بىلەن چىش ئارىسىدا يەنىلا «قارا ئۈچ بۇرجەك» پەيدا بولىدۇ.
3. چىشنىڭ يۆتكىلىشى
چىش ئەتراپى ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، چىش مىلىكى يىگلەپلا قالماي، يەنە چىش بوشاپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چىشنىڭ ئورنىدا يەنە يۆتكىلىش يۈز بېرىدۇ، بۇمۇ ئەسلىدىكى چىش ئارىسىنى بارغانسېرى چوڭايتىۋېتىدۇ.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: «شىنخۇا تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)