5- ئاينىڭ 19- كۈنى
جۇڭگو ساياھەت كۈنى بولۇپ
دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاراجوندا داكا قىلسىڭىز
ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ!!!
شۇ كۈنى ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن سىرت، ساياھەتچىلەر ئارىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ پۈتۈن باھالىق بېلىتىنى سېتىۋېلىش ئاساسىدا، پەقەت 100 يۈەن ئارتۇق پۇل تۆلىسىلا لەيلەپ ئېقىش ياكى فېيلادا تۈرىنى تاللىيالايدۇ ھەمدە ئاسما كۆۋرۈك بېكىتى ئاشخانىسىنىڭ بىر كىشىلىك ئالاھىدە يۈرۈشلۈك تامىقىغا ئېرىشەلەيدۇ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تۈرنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، يەرلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكسۇ چوڭ جىلغىسى لىنىيەسىنى سەيلە قىلغاندا، فېيلادا قىياغا يامىشىش، ئاسما يولدا مېڭىش، كۇرداي دەرياسىدا لەيلەپ ئېقىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر بىلەن بىللە ھېس قىلىپ، قوش خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇڭ!
بۇنىڭدىن باشقا، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونى (كۆلدەلەڭ مەنزىرە رايونى، ياڭاقساي، چاشى- تەلىم مەنزىرە رايونى، كېپىنەك كۆلى مەنزىرە رايونى)دا 5- ئاينىڭ 19- كۈنى بىر كۈن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ (ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).
جۇڭگو ساياھەت كۈنىدە ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلاردىن يەنە غەلىتە تاش جىلغىسى مەنزىرە رايونىمۇ بار، 5- ئاينىڭ 18- كۈنى ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتى (ئادەم بېشىغا 15 يۈەن) + ئەينەك كۆۋرۈك (ئادەم بېشىغا 30 يۈەن) بېلىتى سېتىۋالغان ساياھەتچىلەردىن مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 5- ئاينىڭ 19- كۈنى مەنزىرە رايونىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئارىلىق ئاپتوموبىل، ئەينەك كۆۋرۈك بېلىتى نورمال سېتىلىدۇ.
ئىلى تارقىتىشى، تېكەس نۆل ئارىلىق، شىنجاڭ غەلىتە تاش جىلغىسى مەنزىرە رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىقلاردىن بىرىكتۈرۈلگەن
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)