5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى فېيشى ناھىيەسىنىڭ شاڭپەي بازىرى كاڭخې مەھەللىسىدىكى ئەيخېجيا ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ياشانغانلارغا مۇزىكا قويۇپ بەرمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىدىكى فېيشى ناھىيەسىنىڭ شاڭپەي بازىرى دىققەتنى مەھەللە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە بىلەن ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پونكىتى قاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى، تەنتەربىيە چېنىقىش، ئوقۇش- ئۆگىنىش، ئىجتىمائىي توپ پائالىيىتى، ئاساسىي داۋالاش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدىن 20 نەچچىنى بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چېن جيالې فوتوسى)
5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى فېيشى ناھىيەسىنىڭ شاڭپەي بازىرى گۇگېڭ مەھەللىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە پىدائىي ياشانغانلار بىلەن بىرلىكتە دۇخاۋا گۈل ياسىماقتا.
5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى فېيشى ناھىيەسىنىڭ شاڭپەي بازىرى كاڭخې مەھەللىسىدىكى ئەيخېجيا ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە پىدائىي ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى فېيشى ناھىيەسىنىڭ شاڭپەي بازىرى كاڭخې مەھەللىسىدىكى ئەيخېجيا ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە ياشانغانلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئالماقتا.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)