ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجە- ئۈنۈم مائاشىنى خالىغانچە تۇتۇپ قالغان، جەرىمانە قويغان، ھەر شەنبە كۈنى كوچا تازىلاشقا چىقارغان ... ئاقسۇ شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن تىپىك مىسالدىن تۆتنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى
15:39:16 2024-05-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاقسۇ نۆل ئارىلىق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىككە دائىر تۆت تىپىك مىسالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

 1. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يوقلىما تۈزۈمى مۇۋاپىق بولمىغان، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجە- ئۈنۈم مائاشىنى خالىغانچە تۇتۇپ قالغان، جەرىمانە قويغان. 2021- يىلىدىن 2024- يىلى 2- ئايغىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يوقلىما تۈزۈمىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك كارتا سۈركەپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى مۇۋاپىق بولمىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەر ئايلىق ئىشقا چىقىش ئەھۋالى بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجە- ئۈنۈم مائاشىنى تۇتۇپ قېلىش، جەرىمانە قويۇشنى باغلىۋالغان، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر سەۋەبسىز كېچىكسە ھەر مىنۇتىغا بەش يۈەن نەتىجە- ئۈنۈم مائاشى، يىغىنغا قاتناشمىسا ھەر قېتىمىغا 100 يۈەن نەتىجە- ئۈنۈم مائاشى تۇتۇپ قېلىنىپ، قىسمەن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ھازىر تۈزىتىلدى.

 2. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خىزمەت توپى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىن جەدۋەل تولدۇرۇپ سان مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۆز ئالدىغا «قۇرۇلۇش ئالاقىسى»، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش ئالاقىسى» ۋېيشىن خىزمەت توپلىرىنى قۇرۇپ، دائىم توپ ئىچىدە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، خۇلاسە يوللاشنى تەلەپ قىلىپ، رەت تەرتىپىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن. ھازىر تۈزىتىلدى.

 3. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىدا ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاش كەمچىل بولغان. ئونسۇ ناھىيەسى ھەر شەنبە كۈنى شەھەر رايونىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى شەھەر رايونىدىكى كوچىلارغا چىقىپ تازىلىق قىلىشقا دائىملىق تەشكىللەپ، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋالغان، خىزمەت ئۇسۇلى ئىلمىي بولمىغانلىقتىن، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرى كۆپ بولغان. ھازىر تۈزىتىلدى.

 4. شايار ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەخسۇس بەن خالىغانچە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپە سېلىقى سالغان. 2024- يىلى 3- ئايدا، شايار ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەخسۇس بەن ئەنگە ئالدۇرۇپ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يېزا (بازار)لارغا كۆپ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خالىغانچە خىزمەت ۋەزىپىسى تەقسىم قىلىپ، يېزا (بازار) كادىرلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ ئاپىرىپ- ئەكىلىشىنى تەلەپ قىلغان؛ خىزمەتتە ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاش كەمچىل بولغاچقا، ماتېرىيال يوللاش ئۆلچىمىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قايتا- قايتا ماتېرىيال يوللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن. ھازىر تۈزىتىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125