ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى خوتەن نۆل ئارىلىق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2024- يىللىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەمئىيەتتىن 1792 نەپەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، پۇتبول تىرېنېرلىرى ياكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرغان مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، تىزىملىتىش ۋاقتىنىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 10:30دىن 5- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 18:30غىچە بولىدىغانلىقى، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ 6- ئاينىڭ 2- كۈنى (يەكشەنبە)، يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ 6- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى، كونكرېت ۋاقتىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىمتىھانغا تىزىملاتماقچى بولغانلار «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى» (https://jyt.xinjiang.gov.cn/edu/esjszp/jszp_2024.shtml)، «خوتەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى» (http://jiuye.xjht.gov.cn/)دا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىش ئورنى جەدۋىلى قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ كۆرسە بولىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)