مۇخبىرنىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 235 يۈەن ۋە 225 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىكەن. مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر لىتىر 92- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 0.18 يۈەن، 95- نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 0.19 يۈەن، 0- نومۇرلۇق دېزىلنىڭ 0.19 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىكەن. ئادەتتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكىنىڭ سىغىمىنى 50 لىتىر دەپ ھېسابلىغاندا، لىق بىر باك 92- نومۇرلۇق بېنزىن قاچىلىغاندا 9 يۈەن ئاز خەجلىنىدىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)