ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى
22:48:04 2024-05-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

 ئەركىن تۇنىياز، يۈ يەنخۇڭ سۆز قىلدى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايون بىلەن دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق پىلانلىدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە 2- نۆۋەتلىك داڭلىق جۇڭيى دوختۇرلىرى تەقدىرلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يۈ يەنخۇڭ بىرلىكتە يوپۇق ئاچتى ھەم يىغىندا سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى سىستېمىلىق پىلانلاش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە دائىر چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بويىچە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسىپ زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئوچۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش ۋە بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، مۇھىم ئامىل قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 يۈ يەنخۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پارتىيەنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بايلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە رايونلارغا تەكشى جايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش- ساقلىقنى ساقلاش، كېسەل داۋالاش ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تىرىكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش داۋامىدا رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

 دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

 پىڭ شىنلەي، ئېزىز مۇسا پائالىيەتكە قاتناشتى. قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار ۋە ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تېببىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، تېببىي دورا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى دوختۇرلىرى، ئالىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125