ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى
23:03:26 2024-05-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى

غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە خەلقئارالاشقان يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

5- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يۈ يەنخۇڭ قاتارلىقلار شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى)دە تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خەن دېمىن بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇۋاتقان شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى)گە كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى. دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى يۈ يەنخۇڭ بىرلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.

 شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى خېماچۇەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاكادېمىكلار كوللېكتىپى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ داۋالاش بايلىقىغا تايىنىپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئاپپاراتى بەرپا قىلىدۇ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تېز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

 ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خەن دېمىن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم قۇرۇلۇۋاتقان ئامبۇلاتورىيە بىناسى، ئىشخانا بىناسى قاتارلىقلارغا كىرىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قۇرۇلۇش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاش- لايىھەلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇش قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك باشقۇرۇش- يۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارالاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇش نىشان يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تۈرنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىشنى يۇقىرى پەللىدىن ياخشى ئىشلەپ، لايىھەنى پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەت ئۆتكىلى، بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى قاتتىق ياخشى ئىگىلەپ، زامانىۋى سەۋىيەنى ھازىرلىغان، خەلقئارالىق نەزەر- دائىرىنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىرىنچى قاتاردىكى دوختۇرخانا بەرپا قىلىش كېرەك. قاتتىق، يۇمشاق ماتېرىيالغا ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدە سەپلەپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تىرىشىپ توپلاش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى كوللېكتىپىنى پائال كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق تېببىي مەكتەپلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ۋە پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنىڭ خاس ئەۋزەل رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، 2- قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىم ئامىل مەدىتى ھەم بىرتۇتاش پىلانلاش- ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇشى، ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزى ئىشلىشى، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

 قەيسەر ئابدۇكېرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125