ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
22:23:56 2024-05-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھى ميوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى 

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكتەپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، رەھبىرىي كادىرلار مەكتەپلەرگە بېرىپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، «چوڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەنى ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۈچەپ تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، «پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار پىلانى» قاتارلىق يوللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، سىياسىيدا كۈچلۈك، مۇھەببىتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى يېڭى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، قاتتىق تەلەپچان، پەزىلىتى دۇرۇس بولغان ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، چوڭقۇر پىلانلاپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاشۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كۆمۈر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەت لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى يەنىمۇ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بازار ۋە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ دۆلەتنى كۆمۈر بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، تەۋەلىك ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈستى ئوچۇق كانلارنىڭ يانتۇلۇقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125