ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق 1-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
22:30:49 2024-05-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

 ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن 2024- يىللىق 1- قېتىملىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ سۇ بايلىقىغا بولغان قاتتىق چەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2024- يىللىق شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش ئىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋادى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، 2024- يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى، قايدۇ دەرياسى − كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ- چوڭ سۇچىلىق تۈرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى سۇ بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋادى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلار ئارا، ۋادىلار ئارا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارا بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم دەرياسىنىڭ «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن»ىنى مۇھىم نۇقتا، شىمالىي شىنجاڭدا «ئالتە دەريا، بىر كۆل»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىدارە قىلىدىغان، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ باشقۇرىدىغان مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ باشقۇرۇش، سۇنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايونلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دەريا ئېقىنلىرى، ۋادىلاردىكى سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، كۆپ سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە كۆپ سۇ ئىشلىتىپ، ئاز سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە ئاز سۇ ئىشلىتىپ، يەر ئۈستى سۈيىدىن «تولۇق پايدىلىنىش»، يەر ئاستى سۈيىنى قاتتىق تىزگىنلەش، سۇ ئامبىرى سۈيىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قايدۇ دەرياسى − كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، پايدىلىنىش بوشلۇقىنى سىستېمىلىق تەپەككۇر بىلەن كېڭەيتىپ، باغراش كۆلىدە ئىلمىي تەڭشەش، ساقلاش ۋە قوغداش، ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەتراپتىكى ۋادىلار بىلەن بىرلەشمە تەڭشەش، بىرلەشمە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋادى سۇ بايلىقىنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ سۇ تورى ئاساسىي رامكىسى ۋە چوڭ تومۇرىنى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشلىرىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تەڭشەش، ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ ئىدارە قىلىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ۋە قاتمال تەپەككۇرنىڭ ئاسارىتىنى سىجىل تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان سۇ بايلىقى چەكلىمىسى بوغما ھالىتىنى سىجىل بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، سۇ باشقۇرۇش، سۇنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك سىياسەت، لايىھە، تەدبىرلەرنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى دەل جايىدا ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلاپ، مەسىلە تۈگۈنىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، سىستېمىلىق، ئىلمىي سۇ باشقۇرۇش، سۇنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

 چېن مىڭگو، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە تارماقلىرى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125