ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئېلىننا دۇخەن بىلەن كۆرۈشتى
20:01:55 2024-05-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئېلىننا دۇخەن بىلەن كۆرۈشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئېلىننا دۇخەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئالاھىدە دوكلاتچى ئېلىننا دۇخەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئالاھىدە دوكلاتچى ئېلىننا دۇخەننىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇشى، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، باشتىن- ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق مەنزىلىگە قاراپ ئاتلاندى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش بىزنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشىمىز. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندا، ئۇنى قەتئىي ھالدا جۇڭگو ئەمگەك قانۇنى بويىچە ئېلىپ باردۇق، بۇنىڭدىكى بىردىنبىر مەقسەت ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئامېرىكا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش ‹‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش›› مەۋجۇت دەپ خالىغانچە بوھتان چاپلىدى ھەم ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى››نى باھانە قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىغا قارىتا قانۇنسىز چەكلىمە يۈرگۈزدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق بولۇپ، ئالاقىدار كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ، پۈتۈنلەي كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر كەينى- كەينىدىن پىتنە- ئىغۋا توقۇپ جۇڭگو شىنجاڭغا قارا چاپلىدى، بۇ ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەرەققىياتقا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئەمەس، بەلكى ‹‹كىشىلىك ھوقۇق›› ‹‹مىللەت›› ‹‹دىن›› مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامرات، ئارقىدا قالغان، قالايمىقان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش›› مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇش. قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك چەكلىمىنى قالايمىقان يولغا قويۇش ماھىيەتتە زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە ئورمان قائىدىسى بولۇپ، دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تەھدىت سالىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان. ئالاھىدە دوكلاتچى ئېلىننا دۇخەننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جۇڭگو شىنجاڭنى چوڭقۇر، ئوبيېكتىپ چۈشىنىشىنى، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭغا دائىم كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىڭلارنى، كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

 ۋاڭ جيەنشىن ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئېلىننا دۇخەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى چوڭقۇر زىيارەت قىلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئالاقىدار كارخانا خىزمەتچىلىرى، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەمچلىك قىلىۋاتقانلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125