ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سۈپىتى ھەم ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
20:09:34 2024-05-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سۈپىتى ھەم ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار كارخانا ۋە ئورۇنلارنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇشى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

 شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىدا، ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ ساياھەت بايلىقى ھەم كەسىپ ھالىتىنىڭ تارقىلىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمىنى تەپسىلىي سورىدى، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك تىك ئۇچار ئايروپىلان كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ ۋە جانلاندۇرۇپ، تىرىشىپ نۇقتىلىق تۈر، ئەلا سۈپەتلىك تۈر بەرپا قىلىشقا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، قاتلىمىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتنى سەرخىللاشتۇرۇش، خاسلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق ئاۋات مەنزىلگاھلارنىڭ ساياھەت خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك. خىزمەت پىكىر يولىنى ياخشىلاپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاشقا ماھىر بولۇپ، ئاچقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

5- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ يۈك ساندۇقى تىزىش مەيدانىدا، تاموژنا، سودا تارماقلىرى ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ‹‹تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش›› ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ۋە تىرانسپورت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى؛ خەلقئارا يول تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدا ‹‹يۇمشاق ياپقۇچ يېپىپ پېچەت سېلىش›› ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، خەلقئارا تىرانسپورت ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تاشقى تىرانسپورتقا ئالاقىدار ئاپتوموبىللار ئارىسىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. ما شىڭرۇي قۇرۇقلۇق پورت رايونى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ يۈك ساندۇقى تىزىش مەيدانىغا كېلىپ، تاموژنا، سودا تارماقلىرى ۋە شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق يوپۇقلۇق ئاپتوموبىللار، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللار ۋە TIR (خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت سىستېمىسى) تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ خەلقئارا تىرانسپورت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئالاقىدار خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇشنى چۆرىدەپ، كەسىپ بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، قەدەممۇقەدەم ھالدا كەسىپلەرنى توپلاش، زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ياخشى ۋەزىيىتىنى پائال مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلقئارا سودا ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا مەھكەم مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، تەمىنلەش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ساياھەتچىلىكتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بەس- بەستە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى زورايتىش، كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، يادرولۇق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشى داۋامىدا تېخىمۇ زور تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

 جىن جىجېن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125