تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
20:11:11 2024-05-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

5- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيە بازىسىدىكى خۇاديەن 500 مىڭ كىلوۋولتلۇق يورۇقلۇق ۋولت تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، تۈر يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 17- كۈنى ۋە 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئايرىم- ئايرىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىغا كېلىپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت تۈر قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، رايون يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

 5- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي داۋانچىڭ رايونىدا شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، داۋانچىڭ ھەم ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ رايون شامال ئېلېكتىر كەسپى يىرىك پىلانى، ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى، كارخانا سېلىنمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىللە نەق مەيداندا خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: داۋانچىڭ رايونى ئالاھىدە ئەۋزەل شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە، مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بوشلۇق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپى بويىچە بېكىتىلگەن يىرىك پىلانغا سېلىشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنما ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي ئالاقىدار تەرەپلەرگە قوللاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنى تاپىلىدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشى تېز ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. 5- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بۇ يەرگە كېلىپ، يول بويى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جۇڭلۈديەن 3 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى، خۇاديەن 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، تۈر يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سالماقنى زورايتىپ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى رېئال ئېھتىياجغا قويۇپ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە رايون سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى چىڭ تۇتۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشنى كۆزلەپ، شامال، يورۇقلۇق بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش ۋە ئەۋزەللىكلەرنى ئايلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك، باياۋان رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاش، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئىشلىتىش، كۆلەم ۋە ئۈنۈم قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات ياخشى مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەپەككۇر، قاراش، تۈزۈلمە- مېخانىزم قاتارلىق جەھەتلەردىكى توسۇق نۇقتىلارنى سىجىل تۈگىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان- ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، پىلانلانغان تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «ئىش قىلىشنى ئويلاش» ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، «ئىش قىلالايدىغان بولۇش» قابىلىيىتىنى تاۋلاش، «ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش» چىدامچانلىقىنى چېنىقتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، رېئال مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە نەتىجە ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىقتىدار، سەۋىيەنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىش قىلىشقا ماھىر بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125