بىر قېتىمدا نەچچە سائەت ئولتۇرسا ئاندىن ئۇزۇن ئولتۇرغان بولامدۇ، سالامەتلىككە زىيىنى بارمۇ؟
12:15:08 2024-05-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئۇنداق ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، ئۇدا قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرۇش ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، بىرلىككە كەلگەن ۋاقىت يوق، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇدا 1.5 سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرسا ئۇزۇن ئولتۇرغان ھېسابلاشقا بولىدۇ. ھەر كۈنى ئۇزۇن ئولتۇرۇش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

شۇڭا شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، كۆپچىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش قىلغاندا، ئۆزىگە ۋاقىت بەلگىلىگۈچ ئورنىتىپ، ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن ئايرىلىپ ھەرىكەت قىلىشى، مەسىلەن، ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ قۇيۇپ، ئىشخانىنى بىر ئايلىنىپ چىقىشى ياكى بىردەم ئۆرە تۇرۇپ ئىش بېجىرىپ ئاندىن ئولتۇرۇشى كېرەك، ئەگەر سوزۇلۇش ھەرىكىتىنى قىلغىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئورۇندۇق ۋە ئولتۇرۇش ھالىتىنى تەڭشەشكىمۇ دىققەت قىلىش، تاپاننى يەرگە تەكشى قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، يوتا بىلەن پاقالچاق ئارىسىدىكى بۇلۇڭ گىرادۇسىنى 95 گىرادۇستىن 100 گىرادۇسقىچە قىلىش، ئولتۇرغاندا سەل ئارقىغا غادىيىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاسان چارچاپ كەتمەيدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125